«ئەلقائىدە تەشكىلاتى» تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا ئەلچىسىنى ئۆلتۈرىدىكەن

0 2012-09-20 11:09:53   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى تارماق تەشكىلاتى 18-سېنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي ئافرىقىدا تېخىمۇ كۆپلىگەن ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈردىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىسلامنى ۋە پەيغەمبەرنى ھاقارەت قىلغىنىدىن ئۆچ ئالدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
  خەۋەر قىلىنىشىچە، «ئەلقائىدە تەشكىلاتى»نىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى تارماق تەشكىلاتى شۇ يەر ۋاقتى 18-سېنتەبىر بىر توربەتتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:« بىز مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ پەيغەمبىرىمىز ۋە ئىسلام دىنىمىز ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىنى تەبرىكلەيمىز». ئۇلار يەنە ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئامېرىكىدەك بۇنداق «ھاكاۋۇر ۋە ئادالەتسىز دۆلەت» كە بەرگەن ئەڭ ياخشى «ئۆچ ئېلىش سوۋغىسى» دېدى.
  ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى تارماق تەشكىلاتى ئالجىرىيە، تۇنىس، مالتانىيە قاتارلىق جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنى ئامېرىكىنىڭ شۇ يەرلەردە تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭ تۇپرىقىنى «پاكلاش» قا دەۋەت قىلدى.
  «ئەلقائىدە تەشكىلاتى» نىڭ شىمالىي ئافرىقىدىكى تارماق تەشكىلاتى بولسا ئالجىرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇش جەريانىدا تەرەققىي قىلىپ مەيدانغا كەلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تەشكىلاتنىڭ تەسىرى كۈچى سەھرايى كەبىر چۆللۈكىنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقا رايونىغا كېڭەيگەن ۋە تەسىرى كۈچ بارغانسېرى كۈچەيگەن. ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش تاكتىكىسى «ئۇرۇپ بولۇپلا قېچىپ كېتىش» بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە غەربلىكلەرنى تۇتقۇن قىلىپ پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博