Burberry ئەنگىلىيىلىك ناخشىچىAdeleبىلەن ھەمكارلاشماقچى ۋە مەخسۇس ‹سېمىز› لەر ئۈچۈن كىيىم لايھىلىمەكچى بولغان

0 2012-09-24 10:57:13   جوڭگو خەۋەرلەر تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئەمما Burberry ناخشىچى Adeleبىلەن ھەمكارلىشىپ چوڭ نومۇرلۇق Burberryكىيىملىرىنى لايھىيىلەش توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلدى.خەۋەرگە ئاساسلانغاندا،Burberry نىڭ ئىجادىيەت باش نازارەتچىسى Christopher Bailey ھەرخىل يوللار ئارقىلىق بۇ Vogue مۇقاۋىگە چىققان قىز بىلەن كۆرۈشۈپ،ئۇنىڭ Burberry غا باش ئەلچى بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ھەمدە ئۇنى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىپ، <سېمىز> خېرىدارلار ئۈچۈن كىيىم لايھىلەشكە تەكلىپ قىلغان.

    Adele بۇ خەۋەرگە نىسبەتەن ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن. Adele بۇرۇندىن Burberry ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىپ مۇھىم سورۇنلارغا قاتناشقان،كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ تارتقىنى 2011يىللىق پۈتۈن ئەنگىلىيە مۇزىكا مۇكاپات ئالغان كۈنى بىلەن ئۆتكەن يىلقى MTV سۈرەتكە ئېلىش مۇكاپاتى ئالغان كۈنى ئىدى. تۇنجى بالىسىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتىۋاتقانAdele ئۆز ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ Burberry نىڭ چوقۇنغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

   Adele بۇرۇن مۇنداق دېگەن: مەن بۇرۇن Burberry نىڭ ئىجادىيەت باش نازارەتچىسى Christopher Bailey نى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن، مەن Burberry ماركىسىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن. رەسمىي توختاملىشىپ ناخشىچى بولۇشنڭ ئالدىدا، مەن ئىقتىسادچانلىق بىلەن 3يىل پۇل يىغىپ، ئاخىرى بىر دانە Burberry ماركىلىق سومكا سېتىۋالغان.

ئەنگىلىيىلىك ناخشىچى Adele

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博