19-سېنتەبىر، يېرىم يىلدىن بېرىقى تەييارلىق بىلەن توغراق تورىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئاپتونۇم رايونلۇق پارتىيە كادىرلىرى زامانىۋى ئوقۇتۇشنى باشقۇرۇش مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئەتىگەن سائەت 9 دا توغراق تورىنىڭ رەسمىي ئېچىلغانلىقى جاكارلاندى.
توغراق تورىنى ئاسىيا مەركىزى تورى بىلەن شىنجاڭ قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ، تور بېكىتىنىڭ شۇئارى «شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشى تور بېكەت، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تورداشلارغا مۇلازىمەت قىلىش» بولۇپ، ئۇنىۋېرساللىقى كۈچلۈك، ئىقتىدارى تولۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. توغراق تورىدا مۇھىم خەۋەر، ئىقتىساد، ساياھەت، تائام، ساغلاملىق، مودا ئېقىمى قاتارلىق 30 تىن ئارتۇق كۆزنەك بار بولۇپ، ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ خەۋەر، خىزمەت ئىزدەش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە تۇرمۇش توغرسىدىكى ئۇنىۋېرسال ئېھتىياجنى قامدايدۇ. مەزمۇنى رەڭدار، ئۇچۇرى مەنبەسى تولۇق بولغاندىن سىرت، ئاساسلىقى ئىشلىتىشچانلىقى كۈچلۈك. توغراق تورىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانى بولسا دۇنيادىكى ئۇيغۇر تورداشلارغا ئۆيدىن چىقماي شىنجاڭ ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىشلارنى بىلىشىگە كۆۋرۈك بولۇش.
ئاسىيا مەركىزى تورىنىڭ مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ، توغراق سۆزىنىڭ ئەسلىدىنلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ نەزىرىدىكى «قۇملۇقتىكى ئۆلمەس دەرەخ» ئىكەنلىكىنى، ئاسىيا مەركىزى تورىدىكى ھەر مىللەت خىزمەتچىلىرىنىڭ تىرىشىپ، توغراق تورىنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش، سىرتقا مۇھىم خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش، ئۇيغۇر تورداشلارغا توردىكى تۇرمۇش مۇلازىمىتى تەمىن ئېتىش، دۇنياغا قاراپ يۈزلىنىپ، دۇنيانىڭ شىنجاڭنى بىلىشى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلەشنى مەقسەت قىلغان ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى بولۇشىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنتېرنېت جەمئىيىتى كېڭەش باشلىقى جاپپار راشىدىن ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنتېرنېت جەمئىيىتىگە ۋەكالىتەن توغراق تورىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. جاپپار راشىدىن توغراق تورىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇيغۇر تىلى ئۇنىۋېرسال تور بېكىتى بولۇشىنى، زامانىۋى مەدەنىيەتلەشتۈرۈش يېتەكچىلىك ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يېڭى بىر سەينا بولۇپ، ئۇچۇر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئىناق ئىنتېرنېت بوشلۇقى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شۇ كۈنى يەنە شىنجاڭ توغراق تور چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى، توغراق تورى ئۇلىنىش خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، ئىزدىنىش سودا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىنخۇا تورى، تېڭشۈن تورى، سىنا تورى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى 100 دىن ئارتۇق داڭلىق تور بېكەتلىرى، قىياس خەلقئارا تورى، ئۇلىنىش تورى، نۇر تورى قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى 108 دىن ئارتۇق ھەمكارلاشقۇچى ئۇيغۇرچە تور بېكەتلىرى تەبرىك سۆزى يوللىدى. جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدىكى ھەر مىللەت كىشلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەبرىك ۋېدىيولىرىنى ئەۋەتتى.
توغراق تورىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 19-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىل...
ئامېرىكىدا راك كىسىلى گىرىپتار بولغان قىزىل يۇڭلۇق ئورانگو...
ھىندىستانلىق ئەر ئۆرمە چېچى بىلەن 40 توننىلىق پويىزنى 2.5 مىتى...
جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ياپۇنىيىنىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخ...
«ئاۋاتار»نىڭ كېيىنكى قىسمىغا جۇڭگولۇق ئارتىس قاتناشتۇرۇلۇ...