ئۆي تېمپېراتۇرىسى ئۇدا 24 سائەت ياكى جەمئىي ئون كۈن ئۆلچەمگە يەتمىسە، پار پۇلى قايتۇرۇپ بېرىلىدۇ

31 2012-09-18 11:31:07   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 10 – سېنتەبىر ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەنىڭ پىكىر ئېلىش ئورىگىنالى)››نى قاراپ چىقتى ھەم ئاممىدىن پىكىر ئېلىش ئۈچۈن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى نىزام لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. پىكىر ئېلىش ئورگىنالىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي تېمپېراتۇرىسى 18 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى سەۋەبلىك ئاھالىلەر ئۆيلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۇدا 24 سائەت ياكى جەمئىي ئون كۈن بەلگىلەنگەن تېمپېراتۇرا ئۆلچىمىگە يەتمىسە، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى ۋە تېمپېراتۇرا پەرقى بويىچە ئاھالىلەرنىڭ پار پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

ئەگەر شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەشنى باشقۇرۇش نىزامى (لايىھەنىڭ پىكىر ئېلىش ئارگىنالى)››غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىكرى بولسا، 20 – سېنتەبىردىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىغا كېلىپ ياكى 4679076، 4679075 – 0991 گە تېلېفون بېرىپ پىكرىنى ئىنكاس قىلسا بولىدۇ.

ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتمىسە پار پۇلى قايتۇرۇلىدۇ

پىكىر ئېلىش ئارگىنالىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ۋاقتى شۇ يىلى 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنىدىن ئىككىنچى يىلى 4 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە بولىدۇ، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ۋاقتىنى خالىغانچە كېچىكتۈرۈشى ياكى پارنى مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ پار بىلەن تەمىنلەشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى پار بىلەن تەمىنلەشنى خالىغانچە توختىتىش ياكى پار تۇرۇبا لىنىيەسىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىش قىلمىشى سادىر قىلغان ئورۇنلارغا پار بىلەن تەمىنلەش ئىجازەتنامىسىنى قايتا بەرمەيدۇ.

پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدە، ئاھالىلەرنىڭ ئۆي تېمپېراتۇرىسى 18 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى سەۋەبلىك ئاھالىلەر ئۆيلىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۇدا 24 سائەت ياكى جەمئىي ئون كۈن بەلگىلەنگەن تېمپېراتۇرا ئۆلچىمىگە يەتمىسە، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى پار توختىتىلىپ 30 كۈن ئىچىدە، پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى ۋە تېمپېراتۇرا پەرقى بويىچە ئاھالىلەرنىڭ پار پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك.

 بۇنىڭدىن باشقا، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى بەلگىلىمە بويىچە تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلىپ، تېمپېراتۇرىنى قەرەللىك ئۆلچەپ تۇرۇشى كېرەك، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش خاتىرىسى پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئاھالىلەر ئىمزا قويغاندىن كېيىن ئارخىپقا كىرگۈزۈلىدۇ.

 شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەش مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى پار پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىغان ياكى بەلگىلىمە بويىچە تېمپېراتۇرىنى ئۆلچەش نۇقتىسى تەسىس قىلمىغان، قەرەللىك ئۆلچىمىگەن پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىغا ئۆزگەرتىش بۇيرۇقى چۈشۈرىدۇ ھەم 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

 پار پۇلى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغان ئاھالىلەر پار بىلەن تەمىنلەنمەيدۇ.

 باشقا ئاھالىلەرنى پار بىلەن نورمال تەمىنلەشكە تەسىر يەتكۈزمىگەن ئاساستا، شەھەر ئاھالىلىرى پار بىلەن تەمىنلەشتىن 30 كۈن بۇرۇن پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىغا يازما دوكلات سۇنۇپ، پار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. پار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان ئاھالىلەر پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئاساسىي ھەققىنى تاپشۇرىدۇ، پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ يۈرۈشۈش ئاساسىي ھەققىنى ئېلىش ئۆلچىمىنى شەھەرلىك باھانى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بېكىتىدۇ. يېڭىدىن سېلىنغان ئىمارەتلەرنىڭ پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ رېمونت كاپالىتى مۇددىتى ئىچىدە ياكى بىر تۇرۇبىلىق ئايلانما پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئاھالىلەر پار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولمايدۇ.

 پىكىر ئېلىش ئارگىنالىدا مۇنداق بەلگىلەنگەن: پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئاھالىلەر پار پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك، توختامدىكى كېلىشىم بويىچە پار پۇلىنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىغانلارغا، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى قەرەلىدىن ئۆتكەن كۈندىن باشلاپ كۈنىگە نېسى قالغان پار پۇلىنىڭ مىڭدىن ئۈچ نىسبىتى بويىچە جەرىمانە قويىدۇ. پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى پار پۇلى تاپشۇرۇشنى رەت قىلغانلارنى پار بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىشقا ھوقۇقلۇق، بىراق پار توختىتىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ئاھالىلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى ھەم شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەشنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلارغا دوكلات قىلىشى كېرەك.

 پار بىلەن تەمىنلىگۈچى كارخانىلار پار بىلەن ۋاقتىدا تەمىنلىمىسە جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 پىكىر ئېلىش ئارگىنالىدا مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلگەن: تەستىقلانغان لايىھە بويىچە قۇرۇلۇش قىلمىغان ۋە تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزمىگەن ياكى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولسىمۇ خالىغانچە ئىشلەتكەن شەھەر پار بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىدا، شەھەرلىك پار بىلەن تەمىنلەشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى مۇددەت بەلگىلەپ ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ۋاقتىدا ئۆزگەرتمىگەنلەرگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 شەھەر پار بىلەن تەمىنلەشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، خالىغانچە شەھەر پار بىلەن تەمىنلەش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئورۇنلارغا ئۆزگەرتىش بۇيرۇقى بېرىدۇ ھەم 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ پار بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى، دائىرىسى ياكى شەكلىنى خالىغانچە ئۆزگەرتكەن پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىش بىلەن بىللە، 30 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

 شەھەر پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى بىخەتەرلىكىنى قوغداش بەلگىلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە تەسىس قىلمىغان، پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئاھالىلەر بىلەن پار بىلەن تەمىنلەش توختامى تۈزمىگەن، سۇ تولۇقلاپ بېسىمنى سىناشتا پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئاھالىلەرگە مۇددەتتىن يەتتە كۈن بۇرۇن ئۇقتۇرۇش قىلمىغان ياكى سەككىز سائەتتىن ئارتۇق پار توختىتىلىدىغان چاغدا پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئاھالىلەرگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرمىغان پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىغا 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

 شەھەر پار بىلەن تەمىنلەشنى مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا پار بىلەن تەمىنلىمىگەن كارخانىلارغا ئۆزگەرتىش بۇيرۇقى بېرىدۇ ھەم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 30 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، شەھەر پار بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىدە توسالغۇ پەيدا بولسا ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى پار بىلەن تەمىنلەش توختىتىلغاندا، دەرھال رېمونت قىلىشقا كۈچ تەشكىللىمىگەن كارخانىلارغا ئۆزگەرتىش بۇيرۇقى بېرىدۇ ھەم 10 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. يۇقىرىدىكىدەك قىلمىشلار تۈپەيلى كېلىپ چىققان زىياننى پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرى قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەپ بېرىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博