قانداق ئەھۋاللارداماشىنىدىن نومۇر تارتىلىدۇ؟

170 2012-09-19 11:30:55   hawar.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

بىرىنچى، ماتورۇلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۈچىدە قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى كۆرۈلسە بىر قېتىمدا 12 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ .

1. ھاراق ئىچىپ مەس بولغاندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىسە؛
2. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كېنىشكىسى ۋاقتىلىق تۇتۇپ قېلىنغان مەزگىلدە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىسە؛
3. قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغاندىن كېيىن قېچىپ كەتسە، ئەمما جىنايەت شەكىللەنمىسە؛
4. قاتناشنى ئىدارە قىلىش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ زورلۇق بىلەن يول يۈرۈپ، نەسىھەتنى ئاڭلىمىسا؛
5. باشقىلارنىڭ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كېنىشكىسىنى ئىشلىتىپ ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىسە؛
6. ھەيدەش رۇخسەت قىلىنغان قاتناش ۋاستىسى تىپىگە ئۇيغۇن بولمىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىسە؛
7.جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرمىغىنىغا 3 ئاي ئېشىپ كەتسە، ياكى ئۇدا ئىككى قېتىم قەرەلى ئۆتسىمۇ جەرىمانە پۇلىنى تاپشۇرمىسا.

ئىككىنچى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۈچىدە قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى كۆرۈلسە بىر قېتىمدا 6 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ .

1. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىسە؛
2. تاشيول تىجارەت ترانسپورت ئاپتوبۇسىغا ئالغان يولۇچى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئادەم سانىدىن % 20 دىن ئېشىپ كەتسە ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يۈك قاچىلىسا؛
3. يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلىغان يۈك تەكشۈرۈپ بېكىتكەن يۈك ماسسىسىدىن %30 دىن يۇقىرى ئېشىپ كەتسە ياكى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يولۇچى ئالسا؛
4. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ يۈرۈشى بەلگىلەنگەن سائەتلىك سۈرئەتتىن %50 ئېشىپ كەتسە؛
5. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىلنى بەلگىلىمە بويىچە توختاتمىسا؛
6. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىلنى ياندۇرسا، تەتۈر يۈرسە، مەركىزى ئايرىش بەلۋېغىدىن ئۆتۈپ كەينىگە بۇرالسا؛
7. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل سىنىسا ۋە ماتورۇلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەشنى ئۆگەنسە.

ئۈچىنچى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۈچىدە قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى كۆرۈلسە بىر قېتىمدا 3 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ .

1.يول قاتناش بەلگە چىرىقىغا خىلاپلىق بولسا؛
2. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل ھەيدەش سۈرئىتى بەلگىلەنگەن ئەڭ تۆۋەن سۈرئەتتىن تۆۋەن بولسا؛
3. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ كاشىلا چىققان، ھادىسە تۇغدۇرغان قاتناش ۋاستىسىنى سۆرەپ ماڭسا؛
4. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا يۈك توشىغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ كوزۇپىغا، ئىككى چاقلىق موتسىكلىتىقا ئادەم ئېلىپ ماڭسا؛
5. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى پاسىل سىزىقىنى مىنىپ دەسسەپ يۈرسە؛
6. كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن ھاۋارايى شارائىتىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا بەلگىلىمە بويىچە يۈرمىسە؛
7. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا ھەيدەپ كىرىش مەنئى قىلىنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا كىرسە؛
8. بەلگىلىمە بويىچە ئاپتوموبىل ياندىمىسا؛
9. بەلگىلىمە بويىچە يول يۈرمىسە؛
10.ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا پرتسىپ سۆرەتسە؛
11. يولدا قاتناش ۋاستىسىنى كاشىلا چىقىپ، ھادىسە يۈز بېرىپ توختىغاندىن كېيىن، بەلگىلىمە بويىچە چىراق ئىشلەتمىسە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويمىسا؛
12. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنىڭ يۈرۈشى بەلگىلەنگەن سائەتلىك سۈرئەتتىن %50 تىن تۆۋەن ئېشىپ كەتسە؛
13. ماتورۇلۇق قاتناش ۋاستىسى تىك داۋاندىن چۈشىۋاتقاندا ئوتنى ئۆچۈرىۋەتسە ياكى خوتتىن چىقىرىۋېتىپ سىرىلىپ يۈرسە؛
14. يولغا چىقىپ يۈرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىغا نومۇر تاختا ئاسمىسا؛
15. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى نومۇر تاختىسىنى قەستەن توسۇپ قويسا، مەينەت قىلىۋەتسە، بەلگىلىمە بويىچە ئورناتمىسا؛
16. تەتۈر يۆلىنىشتە يۈرسە.

تۆتىنچى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۈچىدە تۆۋەندىكى قىلمىشىڭ بىرى كۆرۈلسە بىر قېتىمدا 2 نومۇر خاتىرىلىنىدۇ .

1. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ئۇدا ھەيدىگىنىگە 4 سائەتتىن ئېشىپ كەتسىمۇ قاتناش ۋاستىسىنى توختىتىپ دەم ئالمىسا ياكى دەم ئالغان ۋاقتى 20 مىنۇتتىن كەم بولسا؛
2. يوقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ باغلىما يول، تېزلەتمە يول ياكى ئاستىلاتما يولىدا ئاپتوموبىل ياندىسا؛
3. مەنئى قىلىش بەلگىسى، ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى، مەنئى قىلىش سىزىقى، ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقى كۆرسەتمىسىگە خىلاپلىق قىلسا؛
4.يولوچىلار ئاپتوموبىلىغا ئالغان ئادەم تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ئادەم سانىدىن %20 ئېشىپ كەتسە؛
5. يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلىغان يۈك تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ماسسىدىن ئېشىپ كەتكىنى %30 گە يەتمىسە؛
6. كېسىشكەن يول ئېغىزىدىن ئۆتكەندە بەلگىلىمە بويىچە يۈرمىسە ياكى توختىمىسا؛
7. قول تېلىفۇن ئۇرۇش، ئاڭلاش، تېلىۋۇزۇر كۆرۈش قاتارلىق بىخەتەر يۈرۈشكە توسقۇن بولىدىغان قىلمىش كۆرۈلسە؛
8. ئوخشاش ئاپتوموبىل يولىدا يۈرگەندە بەلگىلىمە بويىچە ئالدىدىكى ئاپتوموبىل بىلەن زور بىخەتەرلىك ئارىلىقىنى ساقلىمىسا؛
9. پىيادىلەر توغرا يولىدىن ئۆتۈشتە، بەلگىلىمە بويىچە سۈرئەتنى ئاستىلىتىپ، توختاپ، پىيادىلەرگە يول بەرمىسە؛
10. مەركىزى سىزىق ۋە ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى بىلەن ماتورسىز قاتناش ۋاستىسى يولى ئايرىلمىغان يولىدا بەلگىلىمە بويىچە يۈرمىسە؛
11. پراكتىكا مەزگىلىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇس، تىجارەت ئاپتوبۇسى ياكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىدىغان ساقچى ئاپتوموبىلى، ئوت ئۆچۈرۈش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتومۇبىلى، قۇرۇلۇشتا خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى شۇنىڭدەك پارتىلاش بۇيۇملىرى، ئاسان ئوت ئالىدىغان ۋە پارتىلايدىغان خىمىيىلىك بۇيۇم، ئۆتكۈر زەھەرلىك ياكى رادىئوئاكتىپلىق قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملار قاچىلانغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدىسە، ھەيدىگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىغا پرىتسىپ سۆرەتسە؛
12. كاشىلا چىققان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى بەلگىلىمە بويىچە سۆرىمىسە؛
13. ئىككى چاقلىق موتسىكلىت ھەيدىگەن ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك دوبۇلغىسى كەيمىسە.

بەشىنچى، ماتورۇلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگۈچىدە قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرى كۆرۈلسە بىر قېتىمدا بىر نومۇر خاتىرىلىنىدۇ .

1. چىراقنى بەلگىلىمە بويىچە ئىشلەتمىسە؛
2. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەندە، ھەيدىگۈچى، ئولتۇرغۇچى بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىمىسا؛
3.بەلگىلىمە بويىچە ئاپتوموبىل ئۇچراشمىسا؛
4.ئاپتوموبىلنى بەلگىلىمە بويىچە ياندۇرمىسا؛
5. موتوسېكلىتنىڭ ئارقىسىغا 12 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئولتۇرغۇزسا، يېنىك موتوسېكلىتقا ئادەم ئالسا؛
6. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدىگەندە ئاپتوموبىل ئىشكىنى، كوزۇپنى چىڭ ياپمىسا؛
7. ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىغا يۈك قاچىلاش باشقا بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلسا؛
8. يولغا چىقىپ يۈرگەن ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىغا بىخەتەرلىك بەلگىسى قويمىسا، يۈرۈش كېنىشكىسى، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسى ھەيدەش كېنىشكىسىنى ئاپتوموبىل بىلەن بىرگە ئېلىپ يۈرمىسە.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博