ئۈرۈمچىدىن شايارغا قاراپ يولغا چىققان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋەقەگە يولۇقتى

0 2012-09-17 12:10:25   خەلى تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
    15 -سىنتەبىر تاڭ سەھەردە، ئۈرۈمچىدىن شايار ناھىيىسىگە قاراپ يولغا چىققان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسى كورلا-كۇچا تېز سۈرئەتلىك تاشيولىدا كېتىۋاتقاندا، تالك پاراشوكى باسقان يۈك ئاپتوموبىلى كەينىدىن كېلىپ سوقۇۋەتكەن ۋە ئاپتوبۇستىكى ئىككى ئادەمنىڭ نەق مەيداندا ئۆلىشىنى، 29 ئادەمنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
   مۇخبىرنىڭ چارلاشقا چىققان بايىنغولىن ج خ ئىدارىسى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتىگە تېلېفون قىلىپ ئىگىلىشىچە، شۇ كۈنى يەتتىدىن 13 مىنۇت ئۆتكەندە، بۇ ئوتتۇرا ئەترەت سىگنال تاپشۇرۇۋىلىپ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، بۇ ئىككى ماشىنا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغان بولۇپ، يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ئالدى قىسمى ئېغىر دەرىجىدە مىجىلىپ كەتكەنىكەن. ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كارىۋاتتا ئارام ئېلىۋاتقان شوپۇر بىلەن يەنە بىر يولۇچىدا ھاياتلىق ئالامەتلىرى قالمىغانىدى، ئۆز جېنىنى ئېلىپ قاچقان 13 نەپەر يولۇچىدىن سىرت، قالغان 29 يولۇچى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلانغان بولۇپ، ماشىنىدىن چۈشۈشكە ئامالسىز ئىدى. ۋەقەدە، كەينىدىن كېلىپ سوققان يۈك ئاپتوموبىلى يول ئۇلىدىن چىقىپ كەتكەن. قۇتقۇزغۇچى خادىملار يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا جىددىي كىرىشىكەن ۋە يارىدارلار بۈگۈر ناھىيىلىك خەلق دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان.شۇ كۈنى سائەت 10 لەر ئەتراپىدا ۋەقە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدە قاتناش ئەسلىگە كەلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博