ئاپتونوم رايوننىڭ ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

0 2012-09-17 11:04:26   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

مەملىكەتلىك ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايون، شىنجاڭ ھەربىي رايونى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىلقى قىشلىق ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەسكەر ئېلىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇاڭ ۋېي يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. خۇاڭ ۋېي مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: بىرىنچىدىن، جىددىي ۋەزىيەتنى تولۇق تونۇپ، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنى سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەسكەر ئېلىش بۇيرۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىنى كەسكىن سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى، ماددىي كۈچ جەھەتتىن قوللىشى ۋە كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم. ئىككىنچىدىن، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات - تەربىيە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەسكەر ئېلىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەش، ئېتىبار بېرىش - ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. ئۈچىنچىدىن، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەسكەر ئېلىشقا ئائىت خىزمەتلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئەسكەر ئېلىشتا پاك بولۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم.

بۇ يىلقى قىشلىق ئەسكەر ئېلىش خىزمىتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باشلىنىپ، 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. ئەسكەر ئېلىش ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، رايون، يېزا ئاتلاپ تەڭشەشكە بولمايدىكەن. ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەرلەر)لەر ئەسكەر ئېلىش ۋەزىپىسىنى ناھىيە(شەھەر، رايونلار)لەرگە بىر قېتىمدىلا چۈشۈرىدىكەن، قالدۇرۇق سان قالدۇرۇشقا، كۆرسەتكۈچ بىلەن چۈشۈرۈشكە بولمايدىكەن؛ ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن تەڭشەشكە توغرا كەلسە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەسكەر ئېلىشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ تەستىقلىشىغا يوللىسا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەسكەر ئېلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش تەڭشەيدىكەن. بۇ يىلقى قىشلىق ئەسكەر ئېلىشتا يېزا نوپۇسى بىلەن شەھەر نوپۇسىدىكى ياشلارنىڭ نىسبىتى ئايرىلمايدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博