قىزىلتاغ ئايلانما يولى ئۆزگەرتىپ ياسىلىدۇ

0 2012-09-14 11:17:54   xjtsnews.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  ‹‹ماللارنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى››، ‹‹ئالاھىدە باھادا سېتىلىدۇ››، ‹‹ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىلىدۇ››... يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى قىزىلتاغ ئايلانمىسىدىكى يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولىدىكى دۇكانلاردا سودىگەرلەر بەس-بەس بىلەن ماللىرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپ سېتىشقا باشلىدى. ‹‹بۇ ئايلانما يول ئۆزگەرتىپ ياسىلىدىكەن، دۇكانلارمۇ چېقىلىدىكەن›› دېدى 12-سېنتەبىر بىر دۇكان خوجايىنى مۇخبىرغا.

 بازار باشقۇرۇش تەرەپ بىزگە ھەر ۋاقىت كۆچۈش ئۈچۈن تەييارلىنىپ تۇرۇشنى ئېيتتى،-دېدى ئاياغ دۇكىنى ئاچىدىغان بىر خانىم.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر قۇرۇلۇشى باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، قىزىلتاغ ئايلانما يولىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىككى يۈرۈش لايىھە تۈزۈلگەن بولۇپ، كونكېرت قايسى لايىھەنى ئىشلىتىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىگەن، تەپسىلىي ئەھۋاللار تېخى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما، قۇرۇلۇش بۇ يىل تاماملىنىدىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل بېشىدا ئېچىلغان ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››ىدىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، قىزىلتاغ ئايلانما يولى ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل ئۆزگەرتىپ ياسايدىغان قاتناش تۈگۈنىنىڭ بىرى، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博