بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئەنجىلىنا جۇلى يېقىندا ئىئوردانيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى يوقلىدى. شۇ يەر ۋاقتى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئەنجىلىنا جۇلى (Angelina Jolie) ئىئوردانىيەگە كىلىپ يەرلىك مۇساپىرلار بىلەن بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۈرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان.
جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى تېلگىراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى، ھوللىۋودنىڭ داڭلىق ئايال چولپىنى ئەنجىلىنا جۇلى (Angelina Jolie) تۈركىيە چىگراسى ئىچىدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلارنى يوقلاش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن .
تۈركىيە ئاناتولىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇلى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس خادىمىلار ئىش بىجىرىش ئورنىنىڭ ۋەكىلى ئانتونىيو گۇتتىرىس بۈگۈن تۈركىيە ۋە سۈرىيە چىگراسىدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار لاگىرىنى زىيارەت قىلىشى مومكىنكەن. ئۇنىڭدىن كىيىن جۇلى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە بېرىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ئىشلىرى ئەمەلدارى بىلەن سۆھبەتلىشىدىكەن.
ئىگەنلىنىشىچە، تۈركىيە نۆۋەتتە 80 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىرنى قۇبۇل قىلغان. بۇ ھەپتە سەل بۇرۇنراق جۇلى بىلەن گۇتتىرىس ئىئوردانىيەدىكى سۈرىيەلىك مۇساپىرلار لاگىرىنى زىيارەت قىلغان.
بۇ يىل 4-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى جۇلىنى دوستلۇق ئەلچىلىكىدىن ئالاھىدە ئەلچىلىككە ئۆستۈرۈپ، ئۇنىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ خىزمىتىگە كۆرسەتكەن زور تۆھپىللىرىنى مۇكاپاتلىغان. جۇلى ئۈزىمۇ 5 مىلىيۇن ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مۇساپىرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.
ھوللىۋود چولپىنى جۇلى تۈركىيەگە كىلىپ سۈرىيەلىك مۇساپىرلار...
ۋېلىيام بىلەن كەيت ئىككى بالىلىق بۇلۇش ئارزۇسىنى ئاشكارلىد...
ئامېرىكىلىق 8 ياشلىق بالا ئاپىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئوغۇرلۇقچە ھ...
ئەنجىلىنا . جۇلى ئىئوردانىيە مۇساپىرلار لاگىرىنى كۆزدىن كەچ...
ئوباما ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئە...
كانادادىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا جۇڭگولۇق خۇجايىن باشقىلار ...