ئامېرىكا تېننېسسى شىتاتىدىكى بىر جۈپ ئەر ئايال بالىنى ياخشى كۆرگەچكە بالىنى جىق تۇغقان.ئارقا ئارقىدىن 18 بالا تۇغقان بولۇپ دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ئاتا-ئانا دەپ ئاتالغان.لېكىن ئۇلار تېخى خۇماردىن چىقمىغان بولۇپ يەنە تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولۇشنى تىلەيدىكەن.خەۋەرگە قارىغاندا بېيس ئائىلىسى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئائىلىگە ئايلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.ئۇلار ھەتتا ئۆز ئۆيىدە بالىلار باغچىسى ۋە دەرىسخانا قۇرغان.
ئىگىلىنىشچە بۇ بىر جۈپ ئەر ئايالنىڭ توي قىلغىنىغا 23يىل بولغان بولۇپ تويدىن كېيىن بېيس خانىم ھەر يىلى دىگىدەك ھامىلدار ئىكەن،بېيس ئەپەندىم بولسا ئالدىراش ئۆيىنى كېڭەيتىپ يىلدىن يىلغا چوڭىيىۋاتقان بالىلىرىنى پاتقۇزۇش ئۈچۈن ئالدىراشلا يۈرىدىكەن.ھازىر ئۇلارنىڭ ئۆيىدە 5ياتاق ئۆي 8مۇنچا 2ئاشخانا ئۆي بىر ناھايىتى چوڭ تاماقخانا بار ئىكەن.
بىيس خانىم 43ياشتا بولۇپ ئۇ تۇغۇشتىن تېخى زېرىكمىگەن:بىز ئىككىمىز بالىنى ياخشى كۆرىمىز چۈنكى ھەر بىر بالا مۇشۇ ئائىلە ئۈچۈن بەك كۆپ خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ.بىر يېڭى بوۋاقنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتى مەن ۋە ئائىلىمىزدىكى ھەممە ئەزانىڭ ئەڭ خوشال ۋاقتى دېگەن.
بۇ يىل 45ياشقا كىرگەن بېيس ئەپەندىم بالا تىلغا ئېلىنسىلا ھاياجانلىنىپ :ئەگەر مۇمكىن بولسا بىز تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولىمىز ،بىز تېخىمۇ كۆپ بالىلىق بولۇشنى تىلەيمىز دېگەن
ھازىر بۇ چوڭ ئائىلە ئىنتايىن خوشال ياشايدىغان بولۇپ بوش ۋاقىتلاردا بىللە ئويۇن ئويناپ ،ناخشا ئېيتىپ،چالغۇ چىلىپ ئوينايدىكەن ،لېكىن ئەجەپلىنەرلىك بولغىنى ئۇلار ئۆيگە تېلىۋىزور ئورنىتىشنى رەت قىلىدىكەن.
ۋېلىيام بىلەن كەيت ئىككى بالىلىق بۇلۇش ئارزۇسىنى ئاشكارلىد...
ئامېرىكىلىق 8 ياشلىق بالا ئاپىسىنىڭ ماشىنىسىنى ئوغۇرلۇقچە ھ...
ئەنجىلىنا . جۇلى ئىئوردانىيە مۇساپىرلار لاگىرىنى كۆزدىن كەچ...
ئوباما ئامېرىكىنىڭ لىۋىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ باش ئە...
كانادادىكى جۇڭگولۇقلار كوچىسىدا جۇڭگولۇق خۇجايىن باشقىلار ...
فىرانسىيەنىڭ مىرۇس شەھرىدە بىر ئاپتۇبۇس ئۆرۈلۈپ كىتىپ، 3 ئا...