بىر تامچە سۇغا زار بۇلىۋاتقان دۆلەت - ماۋرىتانىيە

0 2012-09-14 10:44:10   خەلىقئارا ئاخبارات لىنىيىسى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  

   ماۋرىتانىيەدىكى قۇرغاقچىلىق تەسىرىدىن 700 مىڭ ئادەم ئاچ قالدى ، بۇنىڭ ئىچىدە 350 مىڭ ئادەم 18 ياشتىن تۈۋەن بالىلار . ياردەم بىرىش ئورگانلىرىنىڭ مۆلچەرنىشىگە قارىغاندا ، بۇ يىل 12 مىڭ ئۆسمۈر ئېغىر تىپتىكى جىددى خارەكتىرلىك ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىك كىسىلىگە گىرىپتار بولغان . ماۋرىتانىيە غەربى ئافرىقىنىڭ سەھرايى كەبىر چۆللىكىگە جايلاشقان بولۇپ ، دۇنيادىكى ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان نامرات ، ئاشلىق ئېغىر دەرىجىدە يىتىشمىگەن دۆلەت ھىسابلىنىدۇ .

2011- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشىلاتى ئېچىش پىلانلاش تارمىقىنىڭ ئىستاتىسكىسىغا قارىغاندا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى بۇيىچە تىزغاندا 187 دۆلەت ئىچىدە 159 - ئورۇندا تۇرىدىكەن .

شۇ يەر ۋاقتى 2012- يىلى 4- ئاينىڭ 12- كۈنى ، ماۋرىتانىيە گارگالا ئۆلكىسىدىكى M'Bout رايۇنىدا ، ئالدىنىقى بىر يىلدا ھۆل يىغىن مىقتارى تۈۋەن بولغاچقا ، زىرائەتلەردىن ھوسول ئېلىش مۇمكىن بولمىغان ، شۇڭا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن . ياۋرۇپا ئورتاق گەۋدىسى بۇ رايۇندا ئىقتىسادى جەھەتتىن ياردەم بىرىپ ، يەرلىك ئاھالىلەرنى ئورەك كولاش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى .

 

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر