سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن 65 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئاچتى. يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى 20 - سېنتەبىردىن 21 - سېنتەبىرگىچە ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كەرىمباي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 19 - قېتىملىق دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارالما لايىھەسى، كۈن تەرتىپى ۋە سىرتتىن قاتنىشىدىغانلارنىڭ دائىرىسى قاتارلىقلار ماقۇللىنىپ، جامائەت پاراۋانلىقى مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، ئەقىل كۆرسىتىش؛ دائىمىي كومىتېتنىڭ تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللاش؛ كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ئىشلىرىنى قاراپ چىقىشنى بۇ قېتىملىق دائىمىي كومىتېتنىڭ ئاساسىي قارالمىسى قىلىش تەۋسىيە قىلىندى.
يىغىندا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نەزەرىيە تەتقىقات خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، ئايۇپ تىيىپ، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ھۆرىگۈل جاپپار يىغىنغا قاتناشتى، باش كاتىپ بادەي ئالاقىدار يىغىنلارنىڭ روھىنى يەتكۈزدى.
ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكى قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرسىغا دۇنيا سۇ ئ...
تۈركىيە ئىستانبولدىكى ساقچى ئىدارىسى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىت...
فىرانسىيە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش دېلوسىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرى...
چىكاگودىكى 26 مىڭدىن كۆپرەك ئۇقۇتقۇچى مائاشنى ئۆستۈرۈشنى تە...
ئەرافات فوند جەمئىيىتى ئەرافاتنىڭ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك...
ئامېرىكا نېپال كومپارتىيەسىنى تېررورچىلار تىزىملىكىدىن ئۆ...