ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى

0 2012-09-11 10:58:18   شىنجاڭ گېزىتى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتلىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۇ شيۇليەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

گۇ شيۇليەن مۇنداق دېدى: ھەر دەرىجىلىك ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىدىكى ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچ ۋە تەققەزالىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇش، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى ۋە قاراتمىلىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا جۇڭگو ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش مائارىپ فوندى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نامرات رايونلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە 2 مىليون 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدە كىتاب سوۋغا قىلدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博