دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققى ئېلىنمايدۇ

0 2012-09-10 11:04:08   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

كېلىش مەنبەسى:خەلق تورى 

 

قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىق مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، ھەر قايسى جايلاردىكى قاتناش تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرىدىن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ۋە تەشكىللىشى ئاستىدا ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن باش قوشۇپ ، ۋەزىپىلەرنى ئېنىق ئايرىپ ، مەسئۇلىيەت تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ، پىكىرلىشىپ ، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ ، زىچ ماسلىشىپ ، پۈتۈن كۈچ بىلەن دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدىكى كىچىك تىپتىكى ئاپتوبىللارنىڭ قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش خىزمىتىنى تەكشى ، تەرتىپلىك ئىشلەشنى يولغا قويۇپ ، ھەقىقى تۈردە ياخشى باشلاش ، ياخشى قەدەم ئېلىش ، ياخشى ئىشنى ياخشى ئورۇنداشنى تەلەپ قىلدى .

تاۋۇز چاغىنى دۆلەت بايرىمى بىلەن قوش دەم ئېلىنىپ ھەقسىز قاتناش يولغا قويۇلىدۇ

ئۇقتۇرۇشتا، ھەر قايسى ئۆلكە (رايون، شەھەر) لەر مۇشۇ رايوننىڭ كونكىرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېكىتىپ ، گوۋۇيۈەن تەستىقلىغان يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ تەلىپى بويىچە ، سىياسەتنىڭ بىر تۇتاش ، مەشغۇلات تەرتىپىنىڭ بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلىدى : بۇ يىلقى تاۋۇز چاغىنى بىلەن دۆلەت بايرىمىدا قوشۇپ ئارام ئېلىنىدۇ . يولغا قويۇش لايىھەسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ، تاۋۇز چاغىنى شۇ كۈنى دۆلەت بايرىمى بىلەن قوشۇپ ھەقسىز قاتناش يولغا قويۇلىدۇ . بۇنىڭغا قارىتا، بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىدا كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىشنىڭ ۋاقتى ئېنىق قىلىپ 9-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت نۆلدىن 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24:00 كىچە قىلىپ بەلگىلەندى .

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى . ھەر قايسى جايلار ئۆزى خالىغانچە چوڭ بايرام ، ئارام ئېلىش كۈنلىرىدىكى ھەقسىز قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ، ھەر قايسى ئۆلكە (رايون ، شەھەر) لەردە ئوخشاش قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تۈپەيلىدىن يېڭى زىددىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك . چوڭ بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىدىكى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش مەزگىلىدە ، ھەر قايسى جايلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ھەق يىغىش پونكىتلىرى (نۇقتىسى) دا يەنىلا « كىرىش ئېغىزىدا كارتا ئېلىش ، چىقىش ئېغىزىدا كارتا يىغىش » تەك ھەق ئېلىش باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىجرا قىلىنىدۇ . يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىرونلۇق ماشىنا توختاتماي ھەق ئېلىنىدىغان (ETC) ھەق ئېلىش ماشىنا يولىدا ، داۋاملىق ETC مەخسۇس لىنىيەسى ئوچۇق ھالەتتە بولۇشى ھەمدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلى ھەقسىز قاتناش مەزگىلىدە قاتناش ھەققى تاپشۇرۇش سوممىسنى 0 دەپ كۆرسۈتۈشكە كاپالەتلىك قىلىش لازىم .

بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمىنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتى 8 كۈن ، تۇنجى قېتىم كىچىكى تىپتىكى يولۇچىلار قاتناش ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىنغان بايرام بولۇپ ، مۆلچەرلىنىشىچە، تاشيول قاتناش مىقدارىدا زور دەرىجىدە ئېشىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن ، تاشيولدا بولۇپمۇ ، ھەق يىغىش پونكىتى ئەتراپىدىكى رايوندا قاتناش توسۇلۇش دەرىجىسى تېخىمۇ جىددىيلىشىشى مۇمكىن . ئۇقتۇرۇشتا ھەر قايسى جايلاردىكى قاتناش تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى ، شۇنداقلا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ ، ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا ئىش تۇتۇپ ، پۈتۈن كۈچ بىلەن كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ ھەقسىز قاتنىشىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، ئاكتىپلىق بىلەن تاشيولنىڭ راۋان بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ ، ئېغىر دەرىجىدىكى قاتناش توسۇلۇش ھادىسىدىن ساقلىنىش كېرەك .

بىرىنچى، ھازىر بار بولغان ھەق ئېلىش يولىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش . ھەر قايسى تاشيول ھەققى يىغىش پونكىتلىرى ئاپتوموبىل مىقدارى جىددىي كۆپىيىش ئەھۋالىغا يولۇققاندا ، جەزمەن ھەق يىغىش خادىمىنى كۆپەيتىپ ، بارلىق ھەق يىغىش ئېغىزىنى ئېچىۋېتىپ ، ھاجەت بولغاندا دەل ۋاقتىدا يۇقىرى ، تۆۋەن يۆنىلىشتىكى ھەق يىغىش يولىنى تەڭشەش لازىم . قاتناش ئېقىم مىقدارى چوڭ ھەمدە شارائىتى بولغان ھەق يىغىش پونكىتىلىرى ئىمكانقەدەر ھەق يىغىش مەيدانىنىڭ سول تەرىپىگە چوڭ بايراملىق دەم ئېلىش كۈنىدىكى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللاردىن قاتناش ھەققى كەچۈرۈم قىلىش مەخسۇس يولى تەسىس قىلىپ، ھەق ئېلىنىدىغان ئاپتوموبىللار بىلەن ھەقسىز قاتناش ئاپتوموبىللىرىنى ئارىۋېتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم . يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىق باشقا ھەق تاپشۇرۇپ قاتنايدىغان ماشىنىلارغا قارىتا ، يېتەرلىك بولغان قاتناش ھەققى يىغىش ئېغىزى بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . ھەر قايسى ھەق يىغىدىغان تاشيول تىجارەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرى يېتەرلىك دەرىجىدىكى ياندا ئېلىپ يۈرۈش شەكلىدىكى ئەسۋابلارنى سەپلەپ ، دەل ۋاقتىدا « قوشما شەكىللىك ھەق يىغىش » ئۇسۇلىنى قوزغىتىش لازىم . ETC قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايرىم ھەقسىز قاتنايدىغان كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللارنى تېز ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەپ ، ETC ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن ، ھەق يىغىش مەيدانىنىڭ قاتناش تارقاقلاشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن تەرتىپنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش . قاتناش تارقاقلاشتۇرۇش بىلەن يوللارغا ئايرىپ يۈرۈشنى بالدۇر ئىشلەپ ، ھەق تاپشۇرىدىغان ئاپتوموبىللار بىلەن ھەق تاپشۇرمايدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق يىغىش مەيدانىدا ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ھەمدە يۈرۈش لىنيەسى ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك . ئاپتوموبىللارنىڭ ئۆچرەتكە تىزىلىپ ھەق يىغىش پونكىتى ئالدىنى توسۇپ قويۇشى، خالىغانچە يۈرۈش لىنيەسىنى ئۆزگەرتىشىنى قەتئىي چەكلەپ ، ھەمدە ئاپتوموبىللار ھەق يىغىش پونكىتىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تېزلىك بىلەن ھەق يىغىش مەيدانىدىن ئايرىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ ، ئاپتوموبىللارنىڭ ھەق يىغىش مەيدانىدا توختاش، يېقىنلىشىشىنى قەتئىي مەنئىي قىلىش كېرەك . ج خ قاتناش ساقچى ئورۇنلىرىنىڭ قائىدىسىز جىددىي توختىتىش يولىنى ئىگىلىۋېلىش ، قائىدىسىز ئاپتوموبىل توختىتىش ، قانۇنسىز چەكتىن ئاشۇرۇپ يۈك بېسش ، قائىدىسىز ئاپتوموبىل ھەيدەش قاتارلىق قىلمىشلارنى تەرتىپكە سېلىشغا ھەمكارلىشىش لازىم .

ئۈچىنچىدىن ، تاشيول تىرانسپورت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن قاتناش يېتەكلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش . تاشيول يول ئەھۋالى ، تاشيول ھاۋارايى ، تاشيول باشقۇرۇش تۈزۈمى ، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىنىڭ ھەقسىز قاتنىشى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ ، ئاپتوموبىللارنىڭ مۇۋاپىق ۋاقىتتاسەپەرگە چىقىش ، دەل ۋاقتىدا سەپەر لىنىيەسىنى تەڭشەش قاتارلىقلارنى يېتەكلەپ ، تاشيولدا مەركەزلىك قاتناش توسۇلۇش ھادىسىدىن ساقلىنىش كېرەك . يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدىكى ئۆزگىرىشچان ئەھۋاللار دوكلات تاختىسى ، ئېلېكتىرونلۇق كۆرسىتىش قاتارلىقلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ ، دەل ۋاقتىدا چوڭ بايراملاردىكى ھەقسىز قاتناشقا ئالاقىدار سىياسەت ، شۇنداقلا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئېلان قىلىش لازىم .ھەر قايسى تاشيول ھەققى يىغىش پونكىتلىرى ھەق يىغىش مەيدانىنىڭ ئالدىدىكى مۇۋاپىق بولغان ئورۇنغا ۋاقىتلىق قاتناش بەلگىسى ، قاتناش سىزىقى ، شۇنداقلا قاتناشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇئەسسەسىلىرىنى قۇرۇش كېرەك.

ھەقسىز قاتناش مەزگىلىدىكى ھەر خىل تاقابىل تۇرۇش تەبىرلىرىنى بالدۇر ياخشى ئىشلەش

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلىدى : ھەر قايسى جايلاردىكى قاتناشقا مەسئۇل تارماقلار ۋە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ئىسمېنا تۈزۈمى ۋە 24 سائەتلىك جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىسمىنا تۈزۈمى ، تاشيول ئاسراپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، تاشيول توسالغۇسىنى تازىلاش ۋە قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتىش ، مۇلازىمەت مۇئەسسەسەلىرىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش لازىم .ھەر قايسى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ، ھەق يىغىدىغان تاشيول تىجارەت باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى ئالدىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلىپ ، تاشيول ھەققى يىغىش پونكىتىغا چوڭقۇرلىشىپ نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ ، تاشيول تورىنىڭ بىخەتەر تەرتىپلىك يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . بۇ يىلقى دۆلەت بايرىمى ئارام ئېلىش مەزگىلىدە ، ھەر قايسى جايلار پرىنسىپ جەھەتتە تاشيولنىڭ نورمال قاتناش ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشيول ئاسراش مەشغۇلاتلىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ تەلەپ قىلىندى : ئاساسلىق تىرانسپورت يولى بولغان ، قاتناش ئېغىر دەرىجىدە توسۇلۇش كۆرۈلىدىغان ئۆلكە دەرىجىلىك قاتناش كېسىشىش چېگراسى ، شۇنداقلا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىل توختىماي ھەق يىغىش يولغا قويۇلغان ئۆلكە ئاتلايدىغان رايونلارغا قارىتا ، ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك تاشيول تىرانسپورت مەسئۇل تارماقلىرى ئۆلكە ئاتلايدىغان بىرلەشمە ھەرىكەت مېخانىزمى قۇرۇپ ، پىكىرلىشىپ ئالاقىلىشىنى كۈچەيتىپ ، تاشيول تورى ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ رولىنى يېتەرلىك جارى قىلدۇرۇپ ، بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ، ئۇچۇرنى بەھرىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك . ھەر دەرىجىلىك قاتناش تىرانسپورتقا مەسئۇل ئورۇنلار ۋە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى ھەق يىغىش پونكىتى بويىغا جايلاشقان خەلق ھۆكۈمىتى ، ج خ ئورگىنى ، دوختۇرخانا ، مەنزىدە نۇقتىسى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى بىلەن پىكىرلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ ، تاشيول ساقچىلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىش بېجىرىش ئۇسۇلىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ ، ئورۇنلار ئارىسىدىكى بىرلەشمە ئارقا سەپ ، بىرلەشمە ھەرىكەت جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى قۇرۇپ ، ھەر خىل تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى دەل ۋاقتىدا ، مۇۋاپىق ھەل قىلىش لازىم . ج خ ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، قاتناش ئاسان توسۇلىدىغان چوڭ–ئوتتۇرا شەھەر ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئاساسلىق ھەق يىغىش پونكىتى ، شۇنداقلا مەنزىرە نۇقتىسى ئەتراپىدىكى ھەق يىغىش پونكىتلىرىغا ساقچى كۈچلىرىنى كۆپەيتىپ ، قاتناش تارقاقلاشتۇرۇش ۋە تەرتىپنى كونترول قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博