BRTئاپتوبۇسى ئاممىغا قولايلىق، يول يۈرۈشكە ئوڭايلىق ياراتتى

0 2012-09-13 10:32:20   xjtsnews.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

تېز سۈرئەتلىك كوچا ئاپتوبۇسى BRT نىڭ يولۇچى توشۇۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى. ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى ئەينى چاغدا بۇ يېڭى تىپتىكى ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىگە ئوخشىمىغان باھالارنى بەرگەن بولسىمۇ، بىر يىللىق ‹‹ئەمەلىي مەشغۇلات›› شۇنى ئىسپاتلىدىكى، BRT شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. شەھەر ئاھالىلىرىمۇ بۇ يېڭى شەيئىگە ئاستا – ئاستا ماسلاشتى ۋە ئۇنى تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندۇردى.

16 يىل كوچا ئاپتوبۇسى ھەيدىگەن، كۆپ قېتىملىق تەربىيەلىنىشتىن كېيىن ئۆتكەن يىلى 26 – سېنتەبىر2BRT– لىنىيەسىگە ئىشقا چۈشكەن لى يەن ئۇستام: ئاممىۋى قاتناش شىركىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناشتىن بەھرىلەندۈرۈش، لىنىيەنى تارقاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، 2 – نومۇرلۇق لىنىيەنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى، BRT ئاپتوبۇسىغا مەخسۇس لىنىيە ئېچىلغان، ئاپتوبۇس ئىچىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلغاچقا، سۈرئەت تېز، ئاپتوبۇس ئىچى بەك راھەت، جاپا تارتمايدىغان بولدۇق، تەمىناتىمىزمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كەتتى، دېدى.

3 – سېنتەبىر2BRT لىنىيەسىنىڭ يۆنىلىشى ئۆزگەرگىنىگە يېرىم ئاي بولسىمۇ، خىزمەتچىلەر BRTغا چىقىپ، يولۇچىلارغا لىنىيە ئۆزگەرگەنلىكىنى زېرىكمەي چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاممىۋى سەنئەت سارىيىدىن قىزىل كۆۋرۈككىچە بولغان ئارىلىقىدا ئولتۇراق رايون، مەكتەپ، ئىدارە – ئورگان كۆپ بولغاچقا، ئىلگىرى بۇ يول بۆلەكلىرىدە قاتناش قىستاڭچىلىقى بەك ئېغىر ئىدى. 14 – يول ۋە 59 – يول ئاممىۋى ئاپتوبۇسىدا ئولتۇرىدىغان شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ يول يۈرۈشى تەسكە توختىغانىدى. 20 – ئاۋغۇست بۇ يۆنىلىشتە BRT قاتنىغاندىن كېيىن، مۇشۇ رايوندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

   ئۈرۈمچى شەھەرىدىكى قاتناش تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن 3906سى بار بولۇپ، كۈنىگە تەخمىنەن 2 مىليون 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۈچ لىنىيەدىكى تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇس 272گە يەتكەن بولۇپ، ئومۇمىي ئاممىۋى ئاپتوبۇس سانىنىڭ %7ىنى ئىگىلەيدىكەن،BRT نىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى %22كە يېتىدىكەن. بۇ يىل 31 – يانۋاردىكى ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇش نىسبىتىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاممىۋى قاتناش مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇش نىسبىتى %54.03كە، ئاساسەن رازى بولۇش نىسىبىتى %37.07كە يەتكەن.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش – تىرانسپورت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ خۇڭ مۇنداق دېدى: BRT نىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى ئەسلىدىكى كۈنىگە 100 مىڭ يولۇچى توشۇشتىن، ھازىر 500 مىڭ يولۇچى توشۇشقا كۆپەيدى. بۇنىڭدىن شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ BRT نى ھەقىقىي قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. بۇنىڭدىن كېيىن ئاممىۋى قاتناش سىستېمىسى ھەقىقىي تېز بولۇش، راھەت ۋە قولايلىق، بىخەتەرلىكىنى ھېس قىلغان كۆپلىگەن شەھەر ئاھالىسىنىڭ شەخسىي ئاپتوموبىللىرىنى ھەيدىمەي، تېز سۈرئەتلىك ئاممىۋى قاتناشقا ئولتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، بۇنىڭ بىلەن قاتناش قىستاڭچىلىقىنى زور دەرىجىدە يەڭگىللەتكىلى بولىدۇ. BRT ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېڭىدىن يولغا قويۇلغان قاتناش ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە شەھەر ئاھالىسىنىڭ تېخىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشىگە جەريان كېتىدۇ

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博