ئۈرۈمچى توك ئىشلىرى ئىدارىسى توك بىلەن تەمىنلەش 2 - تىجارەت بۆلۈمىنىڭ توك ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى يىغىش ئىشچىسى رېن تاۋ 11 - سېنتەبىر تۆۋەن بېسىمنى ئۆلچەش بەنى ئىشخانىسىدىكى كومپيۇتېردا «توك ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى يىغىش سىستېمىسى»نى ئىشلىتىۋاتاتتى.
ئۇنىڭ مائۇسنى يېنىك چېكىشىگىلا، يىنچۈەن يولىغا جايلاشقان مەلۇم مەھەللىدىكى 500 ئاھالىنىڭ ئىلگىرىكى توك ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە ھازىرقى توك ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرى كومپيۇتېردىن ئېنىق مەلۇم بولدى. بۇ، بۇ تىجارەت بۆلۈمىنىڭ 002 مىڭدىن ئاشىدىغان ئابۇنىچىلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى ئىدى.
رېن تاۋ: يەنە بىر خىزمەتدىشىم بىلەن ئىككىمىز 400دىن كۆپ «ئاھالىلەرنىڭ توك ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يىغىدىغان تۆۋەن بېسىملىق ئۈسكۈنە»دىن پايدىلىنىپ، 90 مىڭدىن كۆپ ئاھالىنىڭ توك سائىتىنى ئۆلچىيەلەيمىز، دېدى.
ئەگەر ئون يىل ئىلگىرى بولغان بولسا، رېن تاۋنىڭ خىزمىتى ھەرگىزمۇ ھازىرقىدەك يېنىك بولمايتتى، ئۇ تىجارەت بۆلۈمىنىڭ ھازىرقى مۇدىرى ۋە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى تاۋ ئەينى يىللىرى ئىشلىگەنگە ئوخشاش، توك سائىتىنى خاتىرىلەش كارتىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ، ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ خاتىرىلەپ، توك ھەققىنى نەق مەيداندا ھېسابلىغان؛ ئەگەر ئابۇنىچى تەرەپتە كاشىلا كۆرۈلسە، يەنە ئامبۇر، ئەتۋىركە ۋە توك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ، ھەر بىر لىنىيەنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلغان بولاتتى.
«توك ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى يىغىش سىستېمىسى» تۈزۈلگەندىن بۇيان، رېن تاۋ ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى خىزمەتتە ئاساسەن بۇ سىستېمىغا تايىنىدىغان بولدى: ئابونت تەرەپنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارىنى يىغىش، توك سائىتىنىڭ كاشىلىسىغا توغرا ھۆكۈم قىلىش ۋە ھەر قانداق چاغدا بېرىپ رېمونت قىلىش، تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن ئەھۋاللاردا يىراقتىن توك توختىتىش - يەتكۈزۈش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ سىستېما ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان بولدى.
لى تاۋ: ئابۇنىچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن، 2003 - يىلىدىن باشلاپ ئېلېكتىر ئېنىرگىيە سىستېمىسىدا توك سېتىش بىلەن توك تەقسىملەش ئايرىۋېتىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن، بىر قانچە سىستېما يېڭىلاندى. بۇ سىستېما ئىشلىتىلىشتىن ئىلگىرى، توك سائىتىنى خاتىرىلەيدىغان مۇشۇ بىر خىزمەتكىلا بىزنىڭ 2 - تىجارەت بۆلۈمىدىن مەخسۇس نەچچە ئون كىشى ئەۋەتىلەتتى، بۇنىڭدا ئادەم كۈچى بايلىقى زور دەرىجىدە ئىسراپ بولاتتى، دېدى.
«توك ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىنى يىغىش سىستېمسى» مەھەللە ئاھالىسىدىن ئىبارەت ئادەتتىكى ئابۇنىچىلارغىلا قارىتىلغان ئەمەس، 2 - توك تەمىنلەش تىجارەت بۆلۈمى مۇشۇ سىستېمىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)، بۇلاقتاغ رايونى، سايباغ رايونى ۋە ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)نىڭ قىسمەن توك باشقۇرۇش، 95598 نومۇرلۇق ئابۇنىچىلار كاشىلا مەلۇم قىلىش مەخسۇس لىنىيەسى ۋە توك سائىتىنى خاتىرىلەش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، توك بىلەن تەمىنلەش لىنيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 400 كىلومېتىردىن، مۇلازىمەت قىلىدىغان ئابۇنىچى ئومۇمىي سانى 200 مىڭدىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇقتىلىق ئابۇنىچىدىن 23ى بار.
بۇ سىستېمىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانى تۈزۈشىنى مۇھىم ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئاساسى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت يەنە بىر مۇھىم ئىقتىدارى بار.
لى تاۋ: بىر قانچە يىلدىن كېيىن، ئابۇنىچىلار بۇ سىستېمىدىكى 95598 نومۇرلۇق ئابۇنىچىلار قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق، سىرتتا تۇرۇپلا ئۆيىدىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ، دېدى.
سۇرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ھەربىيلەرنى ئۆلتۈرگەن كۆرۈنۈشى ئاشك...
روسىيىدىكى سەھرالىق موماي 3مىڭ رەڭلىك قۇتا بىلەن كونا ئۆيىن...
ئوباما 9سىنتەبىر ۋەقەسىدە دا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈر...
ئەنگىلىيىدىكى ئوغۇرلۇقچە ئايروپىلانغاچىققان ئادەم بوشلۇقت...
ئەرەب بىرلەشمىسى خەلپىلىكى قۇملۇقنىڭ ئوتتۇرسىغا دۇنيا سۇ ئ...
تۈركىيە ئىستانبولدىكى ساقچى ئىدارىسى ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلىت...