ېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ چوڭ-كىچىك شەھەرلىرىدىكى كوچا ئېلانلىرىدا ئۇنىڭ سۈرەتلىرى بار. ئۇ ‹ئۆزگىچە ھېسسىياتقا ئىگە ئۆزبېكىستان گۈزىلى›. غايىگە تولغان يۇقىرى ئاۋازلىق مودا ناخشا چولپىنى. ئامېرىكىدىكى داڭلىق مۇزىكا ژۇرنىلىدا ئۇنىڭ تۇنجى ئىنگلىز تىلىدا ئورۇنلانغان ناخشا پلاستىنكىسى《Round Run》 تەشۋىق قىلىنغان مۇقاۋا سۈرەتلەر بار، ئۇ ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى ئىسلام ئابدۇغەنىيېۋېچ كارىموفنىڭ چوڭ قىزى گۈلىنالا كارىموۋا. ئۇنىڭ سەنئەت ساھەسىدىكى ئىسمى Googoosha. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى زۇڭتۇڭ ۋارىسى دەپ قارىغان ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ ناخشا چولپىنى بولۇشقا بولغان قىزىقىشى سىياسىي سەھنىگە بولغان قىزىقىشىنى بېسىپ چۈشتى.
كارىموۋانىڭ سالاھىتى:
ئۆزبىكىستاننىڭ ‹بىرىنچى قىزى›بولغان كارىموۋانىڭ ئىنگلىز تىلىدا ناخشا پلاستىنكىسى چىقىرىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرقى ئەمىلى بولسا ئۈزبىكىستان ‹مەدەنىيەت ۋە سەنئەت مۇنبىرى فوندى جەمئىيىتى›نىڭ رەئىسى. لېكىن كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇ ئۆزبېكىستان گۈزىلىنىڭ ھازىرقى ئەمىلىنى بىلمەيدۇ. ئۇ كېلىشكەن قەددى-قامەت، گۈزەل ھۆسنگە ئىگە بولۇپلا قالماي ئەقىل -پاراسەتلىك تالانتلىق ئايال.
ئۇ ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئىقتىساد ئىلمى ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت لايىھىلەش كەسپىنى ئوقۇغاندىن سىرت يەنە ئامېرىكا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ۋە تاشكەنت دۇنيا ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت ئىلمى دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.