ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى يېقىندا ‹‹ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ئادەتتىكى دىياگنوز قويۇش – داۋالاش خىراجىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى، ھازىرقى نومۇر ھەققى، تەكشۈرۈش ھەققى، ئوكۇل سېلىش ھەققى ۋە دورا ئىشلىرى مۇلازىمىتى تەننەرخى بىرلەشتۈرۈلۈپ ئادەتتىكى داۋالاش خىراجىتى ھەققى ئېلىنىدىكەن.
ئادەتتىكى داۋالاش ھەققى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئوخشاش بىر ئاساسىي قاتلىمىدىكى داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى ئاپپاراتى ئاغرىقلارغا بىر قېتىم دىياگنوز قويۇپ كۆپ قېتىم داۋالاشتا، داۋالاش كۇرسى (يەنى بىر داۋالاش كۇرسى ئۈچ كۈندىن ئاز بولمىغان) بويىچە ئادەتتىكى دىياگنوز قويۇش – داۋالاش ھەققى ئالىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەزلىرى ۋە يېزا، بازار شىپاخانىلىرىنىڭ ئادەتتىكى دىياگنوز قويۇش – داۋالاش ھەققى ئۆلچىمى سەككىز يۈەن بولۇپ، ئاساسىي داۋالاش سۇغۇرتىسىدىن يەتتە يۈەن چىقىم قىلىنىدۇ؛ ئوكۇللا سالىدىغان مەھەللە سەھىيە مۇلازىمىتى پونكىتلىرى ئادەتتىكى دىياگنوز قويۇش – داۋالاش ھەققى بويىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى ئالتە يۈەن بولۇپ، داۋالاش سۇغۇرتا فوندىدىن بەش يۈەن چىقىم قىلىنىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار داۋالانغاندا، پەقەت بىر يۈەنلىك دىياگنوز قويۇش – داۋالاش ھەققىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئۇقۇشىمچە، ئادەتتىكى دىياگنوز قويۇش – داۋالاش ھەققىنى يولغا قويىدىغان ئاساسىي قاتلامدىكى 16 داۋالاش سەھىيە مۇلازىمىتى ئاپپاراتى: يېڭىشەھەر رايونى خاڭجۇ كوچىسى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى كازىۋەن مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، سايباغ رايونى لۇيۈەنگەي مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، سايباغ رايونى خوتەنگەي مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى(چيەنتاڭجياڭ دوختۇرخانىسى)، داۋانچىڭ رايونى تۇزكۆل مەھەللىسى سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، تەڭرىتاغ رايونى تىنچلىق كوچا مەھەللە باشقارمىسى تاشبۇلاق ئارقا يولى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگۇ مەركىزىي شىپاخانىسى، داۋانچىڭ رايونى داۋانچىڭ بازىرى شىپاخانىسى، يېڭىشەھەر رايونى ئەنەنچۈ مەركىزىي شىپاخانىسى، ئۈرۈمچى ناھىيەسى بۇلاقتاغ بازىرى مەركىزىي شىپاخانىسى، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى لۇساۋگۇ يېزىلىق شىپاخانا، بۇلاقتاغ رايونى چىداۋان شىپاخانىسى، يېڭىشەھەر رايونى دىۋوپۇ يېزىلىق شىپاخانا(يېڭىشەھەر رايونى شىمالىي ۋوگزال شەرقىي يولى مەھەللە شىپاخانىسى)، يېڭىشەھەر رايونى ئەرگۇڭ مەھەللە شىپاخانىسى، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى گۇمۇدى بازىرى شىپاخانىسى(گۇمۇدى سۆڭەك كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى)، مىچۈەن – كۆكتاغ رايونى تيېچاڭگۇ بازىرى شىپاخانىسى.