2012- يىلى 9- ئايىنىڭ 14- كۈنى ، سائەت 8:20 دا ، خاڭجۇدىكى دېشىڭ شەرقى يولىغا جايلاشقان ۋەنچېڭ ماشىنا ۋە ئېلىكتېر سايمانلىرى بازىرىغا ئوت كەتكەن بولۇپ ، ئوت كەتكەن جاي دەل مال قۇيىدىغان ئىسكىلاتنىڭ غەربى جەنوبىغا جايلاشقان . ئوتنىڭ كۈيۈش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولۇپ ، پۈتۈن ئىسكىلات ئوت دېڭىزىغا ئايلانغان . ئىسكىلاتتىكى ئوت ياندىكى بەش قەۋەتلىك بىناغىمۇ تۇتاشقان . نەق مەيداندا 40 ئوت ئۈچۈرۈش ئاپتوموبىلى بۇ قېتىمقى ئوت ئۈچۈرۈشكە قاتناشقان بولۇپ ، ئوت كەچ سائەت 11:30 غىچە ئۈچۈرۈلمىگەن ، ئوت ئۈچۈرۈش ئەترىتى ئاپتوموبىلى كەينى - كەينىدىن ياردەمگە كەلگەن .