11 - سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى «ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، يۇرت - ماكانىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرايلى» تېمىسىدىكى «ئاددىي كىشىلەرنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى مەھەللىلەردە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى»نى تۇنجى بولۇپ شىمىگو رايونى جەنۇبىي يېكەنكۆل يولى كوچا باشقارمىسىنىڭ شۈدۇڭ مەھەللىسىدە باشلىدى. ئون تىپىك شەخسنىڭ تەسىرلىك ئىش - پائالىيەتلىرى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق تەشۋىق قىلىندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 60 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى شىرئەلى موللاروزى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدىكى ئاددىي ئىشلارنى تەسىرلىك قىلىپ بايان قىلغاندا، مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى.
شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى غەيرەت ئابدۇقادىرنىڭ قان تىپى ئاز كۆرۈلىدىغان قان تىپ تۈرىگە كىرگەچكە، 20 نەچچە يىلدا 30 نەچچە قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلىپ، ئالتە ياشتىن 60 ياشقىچە بولغان كېسەللەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 53 ياشقا كىردىم، ھەر يىلى بىر - ئىككى قېتىم ھەقسىز قان تەقدىم قىلىپ كەلدىم، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمەن. ئۇنىڭ تەسىرلىك بايانلىرىدىن مەھەللىدىكى ھەر مىللەت ئامما كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئېلىشتى.
ئۇقۇشۇمچە، ئۈرۈمچى شەھىرى «ئاددىي كىشىلەر، تەسىرلىك ئىشلار»نى مەھەللىلەردە تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى سەييارە ئويۇن قويۇش، نەمۇنىلەرنىڭ ئىش - پائالىيەتلەرنى نامايان قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇلارنىڭ ئىش - پائالىيەتلىرىنى ئۆگىنىشكە چاقىرىدىكەن.