كانادانىڭ كىچىك ساھىپجامىلى Avril Lavigne دۈشەنبە كۈنى مودا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىگىنىڭ ئۇنىڭ ھامىلدار بولغانلىق توغرىسىدىكى سوئالىدىن ئۆزىنى قاچۇردى، بىراق
ئالدىنقى كۈنى قارا رەڭلىك چاپان كىيىۋالغان ئەيۋېي ئېرنىڭ قۇرساق قىسىمى سەل يوغان كۆرۈنەتتى، بولغۇسى يولدىشى يەنى داڭلىق ناخشىچى Chad Kroeger بىلەن پارىژ كوچىلىرىدا سەيلە قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇددى ئەيۋېي ئېرنىڭ ھامىلدار بولغانلىقى توغرىسىدىكى مىش-مىش خەۋەر راستەكلا Chad پات-پات ئۇنى يولدىكى باشقا كىشىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىشىدىن قوغداپ ماڭاتتى.
ئەيۋېي ئېر تېخى 3 ھەپتە بۇرۇنلا يېرىم يىل يۈرگەن ئوغۇل دوستى بىلەن چاي ئىچىرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان، بۇ ئىش ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋە كىشىلەردە ئەجىبا ئەيۋېي ئېر ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئامالنىڭ يوقىدىن مۇشۇنداق تۇيۇقسىز توي قىلماقچى بولغانمىدۇ دېگەن گۇمان پەيدا قىلىپ قويغان.بىراق ھەپتىنىڭ بىرى ئۇAbbey Dawn ئۈچۈن نيۇ يورك مودا كىيىم-كېچەك ھەپتىلىگىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا،مۇخبىرنىڭ ئۇنىڭ ھامىلدار بولغانلىق توغرىسىدىكى سوئالىغا ئېنىق جاۋاپ بەرمىدى ۋە شۇنداقلا ئىنكارمۇ قىلمىدى،ئادەمنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى.
ئالدىنقى كۈنى ئىككەيلەن پارىژ كوچىلىرىدا سەيلە قىلىۋاتاتتى، قارا رەڭلىك كۆينەك بىلەن چاپان كىيىۋالغان قۇرساق قىسىمى سەل يوغان كۆرۈنەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى Chad كۆتۈرۋالغان ئىدى، يول بويى بولغۇسى ئايالىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ ، ھەتتا يولدىكى باشقا كىشىلەرگە سوقۇلۇپ كېتىشىدىن قوغداپ ماڭاتتى.
ئەيۋېي ئېر گەرچە ھامىلدار بولغانىنى ئېتراپ قىلمىغان بولسىمۇ،بىراق دادىللىق بىلەن توي قىلىدىغانلقىنى ئېلان قىلدى. كىيىم-كېچەكنى سۆيىدىغان ئەيۋېي ئېر توي كۆينىكىنى ئۆزىنىڭ لاھىلىگۈسى بارلىقىنى ئېيقان . مۇخبىرلار Chad تىن توي تەكلىپىنى قانداق قويغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ئاپىسىغا دېمەيلا توي تەكلىپى قويغانلىقىنى ئېيتىپ، كىشىلەرنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغان.