چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى، شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، داليەن تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، جۇڭگو كانچىلىق ئۇنىۋېرسىتېتى، تۇڭجى ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئىبارەت ئون ئالىي مەكتەپنىڭ ياردەم بەرگۈچى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى 15 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن 2012 - 2013 - ئوقۇش يىللىق خىزمەت كېلىشىمى ئىمزالىدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، بۇ ئون ئالىي مەكتەپ پەنلەر قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، بىرلەشمە پەن تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش سەھنىسى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياردەم بېرىدۇ.
كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى 2012 − 2013 - ئوقۇش يىلىدا ئىلىم - پەن باشلامچىلىرى ۋە تايانچ ئوقۇتقۇچىلاردىن 20 - 30 كىشىنى تاللاپ، ياردەم بەرگۈچى ئالىي مەكتەپلەرگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. ياردەم بەرگۈچى ئالىي مەكتەپلەر 2012 − 2013 - ئوقۇش يىلىدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 20 - 30نى تاللاپ قوبۇل قىلىدۇ. ياردەم بەرگۈچى ئالىي مەكتەپلەر مۇتەخەسسىس ۋە ئالىملارنى تاللاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى يولغا قويغان «چاڭجياڭ ئالىملىرى»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يولغا قويغان «تەڭرىتاغ ئالىملىرى» ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى يولغا قويغان «تەڭرىتاغ ئالىملىرى» پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىدۇ. شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى ۋە دىنامىكىلىق قۇرۇلۇش كەسپى بويىچە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ.
شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە مېخانىكا قۇرۇلۇشى ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپى بويىچە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش تەييارلىق خىزمىتى ئىشلەيدۇ. چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئالاھىدە ئىقتىدارلىق ئىنژېنېرلارنى تەربىيەلەش پىلانىنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىپ، ياردەم بەرگۈچى ئالىي مەكتەپلەر داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ۋە ئالىملارنى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دەرسخانىسى» ۋە «تەڭرىتاغ ئىلمىي مۇنبىرى»دە لېكسىيە سۆزلەشكە ئەۋەتىدۇ. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە «تەڭرىتاغ قانۇنشۇناسلىق دەرسخانىسى» تەسىس قىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جۇڭياۋ مۇنداق دېدى: چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئون ئالىي مەكتەپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئىككى يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ئالاقە، ئوقۇغۇچىلارنى بىرلىشىپ تەربىيەلەش، بىرلەشمە پەنلەر تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇش سەھنىسى تەسىس قىلىش قاتارلىق تۆت ساھەدە زور دەرىجىدە ئىلگىرىلىدى، دېدى.
ئىتالىيىدىكى ۋېرتىكال گۈللۈك دۇنيا جىننېس رىكورتىنى ياراتق...
جۇڭگو ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ باشلىقلىرى ئاخپ...
ئەنگلىيەدىكى جۇڭگولۇقلار نامايىش قىلىپ ياپونىيەگە نارازىل...
جۇڭگو بېلىقچىلىق مەمورىيىتى پاراخوتى ۋە ياپۇنىيە دېڭىز ئام...
گىرمانىيەدىكى ھايۋاناتلار باغچىسىدا پىل توپى ئۇيۇن كۆرسەتت...