«ئاۋاتار»نىڭ كېيىنكى قىسمىغا جۇڭگولۇق ئارتىس قاتناشتۇرۇلۇشى مۇمكىن

0 2012-09-21 10:43:50   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 2008-يىلى قۇيۇلغان «ئاۋاتار»ناملىق كىنو جۇڭگودا 1.82 يۈز مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىلىق بېلەت كىرىمى ياراتقان، بۇ ياپونىيەدىن قالسا ئىككىنجى ئورۇندىكى قالتىس بېلەت كىرىمى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگولۇق كۆرۈرمەنلەرنىڭ بۇ خىل قىزغىنلىقى رىژىسسور جامىس كامىروننىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. يېقىندا ئۇ «ھوللىۋود ئاخباراتچىسى»نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا جۇڭگو بىلەن بىرلىشىپ «ئاۋاتار»نىڭ ئاخىرسىنى ئىشلىگۈسى بارلىقىنى ۋە جوڭگولۇق ئارتىسنى كىنودا رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىشى مۇمكىنلىقىنى ئېيتقان.
   زىيارەتتە كامىرون مۇنداق دىگەن:«بەش يىل ئىچىدە جۇڭگو ئاستا-ئاستا شىمالى ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش كىنو بازىرىغا كىردى،ئۇنىڭ ئۈستىگە جوڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە جوڭگوچە پۇراق كىرگۈزۈشتىن ھاسىل بولغان ئىقتىسادى كىرىم ھەقىقەتەن كىشىنى قايمۇقتۇرىدۇ. مەن ئاللىقاچان ئاۋاتار2-3 لەر ئۈچۈن مەبلەغ ماتېريالى تاپتىم، ئەگەر مەن جۇڭگو بىلەن ھەمكارلاشسام ئۇ چاغدا تېخىمۇ كۆپ بېلەت كىرىمى نىسپىتىگە ئېرىشىمەن» كامىرون يەنە:« ‹ئاۋاتار›بولسا ھەرىكەتنى ۋە يۇقىرى كومپيۇتېر كارتون تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ، شۇڭا جۇڭگولۇق ئارتىس ناۋى ئادەملىرىنىڭ رولىنى ئېلىپ چىقسا تامامەن بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىنگلىز تىلىمۇ نېۋى تىلىدا يوشۇرۇلۇپ قېلىنىدۇ. ئۇنىدىن باشقا بىز بىرمۇنچە جۇڭگولۇق ئارتىسلارنى ئېلىپ كېلىپ ھەقىقىي ئادەمنىڭ رولىنى ئالغۇزۇشىمىز مۇمكىن، چۈنكى «ئاۋاتار»دىكى ئەكس ئەتتۈرىدىغىنى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسى، ئەقىلگە مۇۋاپىق  ھالدا پەندورا پلانېتىدا نۇرغۇن جۇڭگولۇقلا بولۇشى كېرەك.»
   ئەمەلىيەتتە «ئاۋاتار»نىڭ بىرىنچى قىسمىدا ئاللىقاچان جۇڭگوچە ئېلېمېنتلارمۇ بار،ئۇ بولسىمۇ جۇڭگودىكى تاغقا ئاساسلىنىپ لايىھىلەنگەن «ھالىلۇياھ تېغى»،بىراق ھازىر جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش سالاھىيىتى ناھايىتى قاتتىق تەكشۈرۈش ئاستىدا بولىدۇ، ئۇ پەقەت؛ «جۇڭگونىڭ ئازراق مەبلەغ چىقىرىشى، جۇڭگوچە ئېلېمېنتلارنى قوشۇش،ياكى جۇڭگولۇق ئارتىسلارنى ئىشلىتىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ» شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلاشتى دېگىلى بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كامىروننىڭ خىيالى رېئاللىققا ئايلىنامدۇ يوق بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. بۇ ئۇنىڭ كىنوغا يەنە قانچىلىك جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك قوشىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博