جۇڭگۇ ئاخبارات تورىنىڭ بۈگۈنكى تېلگىراممىسى: ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرىق رايۇنىدا پارتىلىغان كەڭ كۆلەملىك ئامېرىكىغا قارشى نامايىش ئېقىمى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەخپىي ماتىرياللارنى كۆيدۈرۈشكە باشلىغان.
17-چىسلا ئاشكارلانغان ئامېرىكا گوۋۇيۈەننىڭ دوكىلاتىدا لىۋاننىڭ پايتەختى بېيرۇتتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئاللىقاچان جىددى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ مەخپىي ماتىرياللارنى كۆيدۈرۈشكە باشلىغانلىقى ئېيتىلغان.
دوكىلاتتا لىۋان ئاللاھ پارتىيەسى ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلىنغان دەپ قارالغان كىنوغا قارشى نامايىش قوزغىغانلىقتىن ئامېرىكا باش ئەلچىسى يەرلىكتىكى ياللانما خادىملارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆيىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا گوۋۇيۈەننىنىڭ ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئوتتۇرسىدىكى تەھدىتكە دۇچ كەلمىدى دېدى.
ئىسمىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغان بۇ ئەمەلدار مەخپىي ماتىرياللارنى كۆيدۈرۈش قارارىنىڭ پەقەتلا رەسمىيەت ئىكەنلىكىنى، ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ چىقارغان قارارى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ Benghazi دا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ نامايىش قوزغىغان ئاممىللىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا بۈسۈپ كىرگەن. ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىتىۋىنسىن ۋە باشقا 3 نەپەر دىپلومات 11-چىسلا Benghazi دا ھۇجۇمغا ئۇچراپ قازا قىلغان.