« نادان مۇسۇلمانلار » نىڭ رىژىسسورى ئەسلىدە سېرىق فىلىم ئىشلەش رىژىسسورى ئىكەن

0 2012-09-18 11:28:58   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  يېقىندا ئامېرىكىدا ئىشلىنىپ قۇيۇلغان ، ئىسلام دىنىنى ھاقاراتلەيدىغان " مۇسۇلمانلار نادان " دىگەن كىنو پۈتۈن يەر شارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ "ئامېرىكا قارشى " يۇقىرى دولقۇننى كەلتۈرۈپ چىقاردى . يېقىندا خەۋەرلەردە دىيىلىشىچە ، بۇ كىنونى ئىشلەش ئۈچۈن بىر سېرىق فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن كىتىدىغان مەبلەغدىنمۇ ئاز مەبلەغ سېلىپ ئىشلەپ چىققان .

  ئامېرىكا " نيويۇرك كۈندىلىك گېزىتى " نىڭ 15- سىنتەبىر خەۋىرىدە ، مەخسوس داڭلىق شەخىس ۋە داڭلىق كارخانىچىلار توغرىسىدا خەۋەر تارقىتىدىغان " Gawker " تورىنىڭ يېقىندا ئاشكارلىغان خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ كىنونىڭ ئەسلى ئىسمى " قۇملۇق باتۇرى " بولۇپ ، رىژىسسور 65 ياشلىق ، كالفورنىيە ئىشتاتىدىن

Alan . Roberts  بۇلۇپ ، ئۇ بۇرۇن " شاتخورام پاھىشەنىڭ ۋوللىۋوتتىكى كۈنلىرى " ، " جىنسىي مۇناسىۋەت مۇتەخسسى " قاتارلىق كۆپلىگەن سېرىق فىلىملەرگە رىژىسسورلۇق قىلغان . شۇڭا ئۇنى سېسىق نامى پۇر كەتكەن سېرىق كىنو رىژىسسورى دەپ لەقىمى بار ئىكەن .

" Gawker " تورى بۇ كىنونىڭ رىژىسسورى Alan . Roberts نىڭ دوستىنى زىيارەت قىلىپ ئىگەنلىگەن خەۋەرگە قارىغاندا ، Alan . Roberts نىڭ " مۇسۇلمانلار نادان " دىگەن كىنونىڭ رىژىسسورى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان . دايۋى ئىسىملىك كىنو فىلىم سودىگىرى " مەن كاپالەتلىك قىلالايمەن ، Alan . Roberts ئۆزىنىڭ بىر قانچە پىلانىنى ماڭا دىگەن بۇ كىنو ئۇنىڭ پىلانىنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم بىر قىسمى ئىدى "

  تۇنۇشتۇرۇلۇشىچە ، Alan . Roberts فىلىم ئىشلەش سودىگىرى Sam bartsch lai نىڭ تەكلىۋىنى قۇبۇل قىلىپ بۇ كىنونى ئىشلەشكە رىژىسسورلۇق قىلغان . بۇ كىنو پۈتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى . ھازىر Alan . Roberts زىيارەتنى قۇبۇل قىلىشتىن قاچقان . " لوس ئانژىلىس ۋاقىت گېزىتى " نىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە ، Alan . Roberts بۇ كىنونى ئىشلىگەندە چوقۇم ئىسىم ئۆزگەرتكەن ، ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى Alan Roberts brownell دىگەن .

 

 

ئۇلۇغ پەيغەمبەر مۇھەممەدئەلەيھسالامنىڭ رولىنى ئالغان رولچى كىنودا ئىسلام دىنىدا يىيىش چەكلەنگەن گۆشنى يىمەكتە

كىنودا ئۇلۇغ پەيغەمبەر مۇھەممەدئەلەيھسالامنى مال- دۇنياغا ئامراق قىلىپ ئىشلىگەن

" مۇسۇلمانلار نادان " دىگەن كىنودا پەيغەمبەر مۇھەممەدئەلەيھسالامنى قىزلارنى خورلايدىغان قىلىپ ئىشلىگەن

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博