16-سىنتەبىر، جەنۇبىي ئافرىقا ئەركىنلىك ئۆلكىسى ۋودېڭ رايونىدىكى بىر ئائىلىلىك جۇڭگولۇق سودىگەر قەستكە ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلدى. چېنرۇڭلىياڭ (فۇجىيەن ئۆلكىسى سەنمىڭدىن، 30 ياش)، ئايالى چېنلىپىڭ (فۇجىيەن ئۆلكىسى سەنمىڭدىن، 24 ياش) ۋە قىزى چېنشىياۋنەن (1 ياش 3 ئاي) دۇكىنىدا بۇلاڭچىلار تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن. ئۈچ ياشلىق ئوغلى يوتقاننىڭ ئىچىدە يۇشۇرۇپ قويۇلغاچقا ھايات قالغان. بىراق بۇ ئۈچ ياشلىق بالا بىر قېتىملىق ئېچىنىشىلىق دېلونىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ قالغان.