ئۆي–زېمىن بېجى يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا

02012-09-18 11:09:34   تەڭرىتاغ تورى   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا، مەملىكەت بويىچە 30 نەچچە ئۆلكىدىن كەلگەن 71 باج سىستېمىسى خىزمەتچىسىنى جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆي – زېمىن بېجى مىقدارىنى باھالاش سىستېمىسى تېخنىكىسى بويىچە ئۆگىنىشكە ئۇيۇشتۇردى. مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چاۋسەي: بۇ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئۆي – زېمىن بېجىنى يولغا قويۇشقا تەييارلىق كۆرۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى.

  جۇڭگو كۆرسەتكۈچ تەتقىقات ئورنىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ يۈ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە مەركەز ئۆي – زېمىن سىياسىتىنى سەل تەڭشەپ، قاتتىق ئېھتىياجغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئەمما، سېلىنما خاراكتېرىدىكى ئېھتىياج بوش قويۇۋېتىلىدۇ، مەركەز يەنە سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش پەرمانىنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ، ئەمما، قىسمەن جايلاردا سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش پەرمانىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنىمۇ چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. ئۇزاق مۇددەتتىن قارىغاندا، مەركەزنىڭ ئۆي – زېمىن بېجىنى خەلقئارا بازار بىلەن جىپسىلاشتۇرۇشى زۆرۈردۇر. باشقا دۆلەتلەردە سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس، ئۇلار باج ئارقىلىق قاتتىق ئېھتىياجغا كاپالەتلىك قىلىپ كەلگەن.

  مۇتەخەسسىسلەر تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئالدىن سېتىلىش تۈزۈمىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇش قارىشىنىڭ رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، چۈنكى، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئالدىن سېتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئېھتىياج تەمىنلەشتىن ئېشىپ كېتىپ، ئۆي باھاسىنىڭ بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا، ئۇنى ئالدىراپ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر ئۆي – زېمىن بېجىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى جيا كاڭ مۇنداق دېدى: ھايانكەشلىك، سېلىنما تىپىدىكى ئېھتىياجنى قانداق كونترول قىلىش مەسىلىسىدە، باجنىڭ پېشاڭلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سودا ھالقىلىرىدا قانۇن بويىچە باج ئېلىشقا قاتتىق ئەمەل قىلىش بىلەن بىللە، ئۆي – زېمىن بېجى ئېلىش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى باج تۈزۈمىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغىلى بولىد