ئۈندىدار ئابونتلىرى 2 يۈزمىليۇندىن ئاشتى

0 2012-09-18 11:55:04   يەر شارى تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

    9-ئاينىڭ 17-كۈنى تېڭشۈن شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە رەئىسى(CEO) ماخۇاتېڭ بۈگۈن ئۈندىدار (微信) ئابونتىنىڭ 2 يۈزمىلىيۇندىن ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇندىن ئىلگىرى، 9-ئاينىڭ 11-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 2012-يىللىق ئىنتىرنىت (ئالاقە تورى) يىغىنىدا ماخۇاتېڭ ئۈندىدار ئابونتلىرىنىڭ 9-ئايدا 2 يۈزمىلىيۇندىن ئېشىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۈندىدار 2011-يىلىنىڭ بېشىدا ئېلان قىلىنغان بۇلۇپ بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئابونت سانى يۈزمىليۇندىن ئاشقان. يېرىم يىلدىن كىيىن 2 يۈزمىليۇنغا يەتكەن.

   نۆۋەتتە ئۈندىدار iOS، Android، Symbian، WP قاتارلىق كۆپ خىل سىستىمىىلىق يانفۇنلارنى قوللايدىغان بۇلۇپ، ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە، ئاددىيلاشتۇرۇلمىغان خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە، تايلاندچە، ھندونېزىيەچە، ۋىيتنامچە، پورتىگالچە قاتارلىق 7 خىل تەگلىكتە كۆرگىلى بۇلىدۇ.

  يېڭى نۇسخدىكى ئۈندىدار 4.3 for iPhone دا ئۈندىدار نۇمۇرى بىلەن QQ نۇمۇرى ۋە يانفۇن نۇمۇرىنى باغلىغىلى ۋە ئايرىغىلى بۇلىدۇ، يەنە يېڭىدىن تەۋرىتىپ رەسىم ئەۋەتىش ئىقتىدارى قۇشۇلغان بۇلۇپ، كومپىيوتىر تور بەتلىرىدىكى رەسىملەرنى يانفۇنغا ئەۋەتكىلى بۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىككى ئۆلچەملىك كود ئىقتىدارىمۇ كۈچەيتىلگەن. ماخۇاتېڭنىڭ قارىشىچە، ئىككى ئۆلچەملىك كود توردا بۇلۇش-بولماسلىقنى تۇتاشتۇرىدىغان ھالقىلىق كىرىش ئېغىزى ئىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博