15-سىنتەبىر ،شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق بولۇپ، پاختا تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان دېھقانلار كۆپ مىقداردا چىگىتلىك پاختا يىغىۋالدى . ئونسۇ، كۈيتۈن ، مايتاغ قاتارلىق جايلاردىكى پاختا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىمۇ دەرھال ئوقەتكە كىرىشىپ سېتىۋىلىشقا باشلىدى ،بۇنىڭ ئىچىدە 229 دەرىجىلىك چىگىتلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 8.8 يۈەن ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 9.0 يۈەن قىلىپ بېكىتىلىپ ، پاختا كارخانىلىرى 20 دىن 100 توننىغىچە پاختا يىغىۋالدى ؛ شەرقىي شىنجاڭ ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ سېتىۋىلىش باھاسى 8.9 يۈەن بولۇپ ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 8.9 دىن 9.10 يۈەنگىچە بولدى . 15-سىنتەبىر ، شىمالىي شىنجاڭ پاختا ئېلىپساتارلىرىنىڭ سېتىۋىلىش باھاسى 8.5 يۈەن بولۇپ، بىر توننا پاختىدىن ئالىدىغان پايدىسى 100 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە بولدى .
شىمالىي شىنجاڭ رايونى ساپ پاختا بازىرىدا يەنىلا چېكىنىش مەۋجۇت . شۇ كۈنى ، 3-دەرىجىلىك پاختىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 18.5 يۈەن بولۇپ ، پاختا قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كەسپى مۇقىم ھالەتنى ساقلىماقتا ، ئۈرۈمچى ، سانجىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئىنچىكە تازىلانغان چىگىت مېيىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 8.9 يۈەن ، 3-دەرىجىلىك چىگىت مېيىنىڭ باھاسى 8.6 يۈەن بولغان ؛% 40 لىك ئاقسىللىق پاختا شاكىلىنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 1.7 دىن 1.75 يۈەنگىچە بولغان ؛ 2-ۋە 3- تۈردىكى پاختا مەشۇتىنىڭ ھەر كىلوگرامى 6 يۈەنگە كۆتۈرۈلۈپ ، ئەمەلىي سودىدىكى باھاسى 5.8 يۈەن بولغان ، سودا مىقدارى ئىنتايىن ئاز ئىكەن ؛ كونا چىگىتنىڭ ھەر كىلوگرامىنىڭ باھاسى 1.8 يۈەن بولغان (ماي مىقدارى % 14 تىن يۇقىرى) ، سۈپىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ساپ چىگىتنىڭ باھاسى 1.8 يۈەندىن تۆۋەن بولغان ؛ كۈيتۈن پاختىلىق چىگىتىنىڭ باھاسى 2.1 يۈەن ، قۇمۇل يېڭى پاختىلىق چىگىتىنىڭ باھاسى 2.2 يۈەندىن 2.4 يۈەنگىچە بولغان .
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پاختا بازىرىدا سودا پۈتۈشۈش نىسبىتى ...
ئامېرىكا يادرو قۇراللىرىنى يىڭىلاشقا ۋە رىمىنۇتقا 3520مىليۇن...
ئامېرىكا بىلەن ياپۇنىيە ياپۇنىيەگە رەسمىي Xدولقۇنلۇق رادار ...
« نادان مۇسۇلمانلار » نىڭ رىژىسسورى ئەسلىدە سېرىق فىلىم ئىش...
جەنۇبىي ئافرىقىدا بىر ئائىلە جۇڭگولۇقلار باشقىلار تەرىپىدى...
ياپونىيە نامايىشچىلىرى « جۇڭگونى يوقىتايلى » دەپ شوئار توۋل...