بىرلەشمە ئاگىنتلىقنىڭ خەۋىرىدە ،50كە يېقىن جۇڭگولۇق چەت ئەلدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار 20-چىسلا چۈشتىن كېيىن سىئولدىكى ياپۇنىيىنىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا مۇخبىرلار كۈتىۋىلىش يىغىنى ئېچىپ ياپۇنىيە ھۆكىمىتىنىڭ دىياۋيۈ ئارىلىنى <دۆلەت ئىختىيارىغا ئېلىش >غا قارشى تۇرغان ھەم ياپۇنىيە باش ۋەزىرى يېتىيەن جىيا يەنگە قارشى تۇرۇش خېتى تاپشۇرغان.
خەۋەردە دېيىلىشىچە خەتتە دىياۋيۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ ئەزەلدىن بار بولغان زىمىنى ،ياپۇنىيىنىڭ <ئارالنى سېتىۋىلىشى>قانۇنسىز ئىكەنلىكى يېزىلغان.جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدە خەتنى ئەلچىخانا خىزمەتچى خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان لېكىن ئەلچىخانا خىزمەتچى خادىملىرى قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلغان،ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى بۇ خەتنى پوچتا ئارقىلىق يەتكۈزىدىغانلىقىنى،بۇنىڭدىن كېيىن كورىيىدە ئىمزا قويۇش قاتارلىق پائالىيەتلەر بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيىتقان.
ئىگىلىنىشچە،كورىيە قالايماىقانچىلىققا قارشى تۇرۇش ساقچىلىرى پەقەت ئىككى نەپەر خەت توشىغۇچى ۋەكىلنىلا ئەلچىخانىغا يېقىنلاشتۇرغان،نەق مەيداندا چوڭ قالايماقانچىلىق بولمىغان.
جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ياپۇنىيىنىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخ...
«ئاۋاتار»نىڭ كېيىنكى قىسمىغا جۇڭگولۇق ئارتىس قاتناشتۇرۇلۇ...
‹چوڭ مۆشۈكئېيىق › ياۋرۇپا ئىتتىپاقى باش شىتابى ئالدىدا پەيد...
تىئەنمېن دۆلەت بايرىمىنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ‹ۋەتەنگە بەخىت تى...
«ئەلقائىدە تەشكىلاتى» تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا ئەلچىسىنى ئۆلتۈر...