قەشقەر - ئۈرۈمچى - شياڭگاڭ ھاۋا لېنىيەسىدە قاتناش باشلاندى

0 2012-09-21 10:33:39   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
       19-سېنتەبىر سائەت 1:00دىن ئاشقاندا، تۇنجى تۈركۈمدىكى 110 نەپەر ساياھەتچى ئولتۇرغان جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ تارماق شىركىتى ئاۋىئاتسىيەسى ئۈرۈمچى ئايرودرومىدىن قوزغىلىپ، بەش سائەتتىن كېيىن شياڭگاڭغا يېتىپ بېرىپ، ئۈرۈمچىدىن شياڭگاڭغا بىۋاستە ئۇچىدىغان ئايروپىللاننىڭ رەسمىي قاتناش باشلىغانلىقىنىڭ ناماياندىسى بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق بىۋاستە ئۇچۇش پائالىيىتىگە ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى، قەشقەر شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار باش بولغان بولۇپ، شياڭگاڭ - جۇڭگو ساياھەتچىلىكى شىنجاڭ شىركىتى، قەشقەر ئاۋىئاتسىيە ساياھىتى قاتارلىقلار ھۆددىگە ئالغان. شياڭگاڭغا ئۇچىدىغان مۆھلەتلىك ئايروپىلاننىڭ ۋاقتى 3-نويابىرغىچە بولۇپ، جەمئىي 6 تۈركۈمدە 12 ئايروپىلان قېتىم ئۇچىدۇ، نۆۋەتتە 4 قېتىملىقنىڭ يولۇچىلىرى توشۇلۇپ بولدى.

  شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، شىياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ساياھەتچىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، شىنجاڭ يەنە شياڭگاڭدىن ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىن باشلىغان «قەشقەر - جەنۇبىي شىنجاڭغا سەپەر» ۋە «شىمالىي شىنجاڭغا سەپەر»،«ئۈرۈمچىدىكى پۈتۈن مەنزىرىلىك جايلار ساياھىتى» قاتارلىق ئۈچ جايدا ساياھەت يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى بازارغا سالغان

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博