يەر شارى تورى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامرىكا <غەلىتە ئايال شاھى> Lady Gaga ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ 14 جىڭ سەمىرىپ كەتكەن! ئۇ ھازىر ئامۇستروڭدا ئويۇن قويغاندا، قۇش ئېڭىكى چىقىپ قالغاندىن سىرت،يوغان پاچىقى، سېمىز كاسسىسى، چېلەكتەك بەللىرىنى يوشۇرۇپ بولالمىدى، ئۇ بەدەن شەكلىنى ئېنىق چىقىرىدىغان كىيىم كىيىپ، تورداشلارنىڭ <لوق گۆش> دەپ مەسخىرە قىلىشىغا ئۇچرىدى. ئەنگىلىيىلىك ئايال چولپان كەررىي ئۇنى ھامىلدار بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمانلاندى.
جوڭگو خەۋەر تورىدا دېيىلىشىچە، Lady Gaga بۇ يىل 5-ئايدا ئازىراق سېمىز كۆرۈنسىمۇ،لېكىن يەنىلا نورمال ھېسابلىناتتى، ئويلىمىغان يەردىن 4ئايغا يەتمەيلا ئوبدان سەمىرىپ كەتكەن. ئامرىكا خەۋەر تورىدا ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئويۇن قۇيۇپ يۈرگەن مەزگىللەردە ۋېسكى قاتارلىق ھاراقلارنى كۆپ ئىچكەچكە ئاشۇنداق سەمىرىپ كەتكەن. ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق دوستلۇق مۇناسىۋىتى يوق ئەنگىلىيىلىك چولپان مۇنداق دېدى:مېنىڭچە ئۇ ھامىلدار بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى ،ئۇ ھازىر چېچىنى پەقەتلا بويىمايدىغان بولدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم قورساق قىسىمىنى يوشۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىدىغان بولۇپ قالدى.
Lady Gaga نىڭ ناخشا ساھەسىدىكى پېشقەدەملىرىدىن كىرىستىن،بىرىتني قاتارلىقلارمۇ يېقىندا سەمىرىپ كەتتى،جېشىكا ھامىلدار بولۇپ بەدەن ئېغىرلىقى90كىلوغا چىقتى، ئۇ ھازىر ئورۇقلاۋاتىدۇ،بۈگۈنكە قەدەر 20كىلو ئورۇقلىدى.
ئامېرىكا ئالما مەھسۇلاتلىرى سىتىش دۇككىنىنىڭ خىزمەتچىسى يى...
توغراق تورىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 19-سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىل...
ئامېرىكىدا راك كىسىلى گىرىپتار بولغان قىزىل يۇڭلۇق ئورانگو...
ھىندىستانلىق ئەر ئۆرمە چېچى بىلەن 40 توننىلىق پويىزنى 2.5 مىتى...
جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ياپۇنىيىنىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخ...