چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئولسېن 19- سېنتەبىر مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : ئالدىنقى ھەپتە لىۋىيەدە يۈز بەرگەن ئامېرىكىنىڭ بېنغازىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى بىر قېتىملىق ‹‹ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ››، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئالدىن پىلانلانغان ھەرىكەت ئەمەس.
ئامېرىكا دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ نۇرغۇن تەپسىلاتلىرىنى تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ.
ئولسېن مۇنداق دېدى : ئامېرىكا ئىگىلىگەن ماتېرىيالدا بۇ بىر قېتىملىق ئامېرىكا دىپلوماتىيە ئورگانلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ‹‹ ئاغمىچىلىق ھۇجۇمى ›› . ‹‹ ئەلقائىدە ›› بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى 20 -سېنتەبىر بۇ ۋەقەنىڭ ئاخبارات قىسقا خەۋەرلەر يىغىنىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
شۇ يەر ۋاقتى 11- سېنتەبىر، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەنىڭ بېنغازىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئامېرىكىنىڭ لىۋىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت نەپەر ئامېرىكا دىپلوماتىيە خادىمى قازا قىلغان.