ئامېرىكا 2022-يىلىدىن بۇرۇن ساياھەتچىلىك كەسپى خىزمەت ئورنىنى 1 مىليونغا يەتكۈزمەكچى

0 2012-09-21 11:04:22   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئامېرىكا ئاقسارىيى 19-سىنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ ، ساياھەتچىلىك ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلانغانلىقىنى ، ئامېرىكا 10 يىل ئىچىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىلىك كەسپى خىزمەت ئورنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

   ئامېرىكا ئاقسارىيى شۇ كۈنى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر دەل ئامېرىكىغا ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ۋىزا بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇۋىتىپتۇ ، شۇنداقلا جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە ۋىزا بېجىرىش ئورنىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك ساياھەتچىنى ئامېرىكىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىۋىتىپتۇ .

   ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دوكلاتتا مۇنداق دېدى: ھەريىلى نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر ئامېرىكىغا كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ ، بۇ مەيلى ئامېرىكا كارخانا ساھەسىگە نىسبەتەن بولسۇن ، ياكى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن بولسۇن ، ئوخشاشلا بىر ياخشى خەۋەر .

  ئاقساراينىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، 2011-يىلى ساياھەت كەسپى ئامېرىكىغا 1 تېرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلگەن ، ھەمدە 7 مىليون 500 مىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن .

   بۇنىڭدىن باشقا ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، پەقەت بۇ يىل 7-ئايدىلا ، چەتئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا سەرپ قىلغان ئىستىمال خىراجىتى 13 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ ، ئېشىش نىسبىتى % 3 بولغان ، چەتئەل ساياھەتچىلىرى ئامېرىكىدا ساياھەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى ئوتتۇرىچە خىراجىتى 4000 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، ساياھەتچىلىك ۋە باشقا كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىكەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博