گىرمانىيە ساقچى تەرەپ مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئېچىپ دىلو ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى
خەلىقئارا لىنىيەسىنىڭ مەخسۇس تىمىلىق خەۋىرى: ئاۋىستىرالىيە " كۈندىلىك تېلگىرامما گىزىتى" نىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گىرمانىيەلىك بىر ئايال ئىلگىرىكى 6 يىل جەريانىدا ئۈزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى يۇشۇرۇپ، ئۈزى ئىلگىرى-كىيىن بۇلۇپ تۇغقان 5 بالىسىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قۇلى بىلەن ئۆلتۈرىۋەتكەن، دىلو سادىر قىلىشتىكى مۇددىئاسى ئىرىنىڭ ئۇنىڭ بەك جىق بالا تۇغقانلىقىدىن ئۈزىنى تاشلىۋىتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىدىن ئىكەن.
بۇ ئايال بۇ يىل 28 ياشتا بۇلۇپ گىرمانىيەنىڭ شىمالىدىكى Flensburg شەھرىنىڭ ئەتراپىدىكى Husum بازىرىدا تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ھازىر يەنە 2 تىرىك بالىسى بار بۇلۇپ بىرى 10 ياش، يەنە بىرى 8 ياش ئىكەن. ئۇ 2006-يىلىدىن باشلاپ ئۈزىنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى يۇشۇرۇپ، ئۆيىدە ياكى ئورمانلىقتا ئوغۇرلۇقچە تۇغۇپ، ئۇنىڭدىن كىيىن بۇۋاقنى ئۆلتۈرىۋىتىدىكەن.
يەرلىك تەپتىش ئەمەلدارى بۇ ئايالنىڭ يۇشۇرۇن ھامىلدار بۇلىشى ئىرىنىڭ ئۈزىنى تاشلىۋىتىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكى ئۈچۈنلىكىنى، ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇنىڭ ئىرى يەنە بالىلىق بۇلۇشنى خالىمايدىغان بۇلۇپ يەنە بالىلىق بولسا تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ چۈشۈپ كىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ساقچى تەرەپ 2006-يىلى Husum بازىرىنىڭ ئەتراپىدىكى قەغەزلەرنى تۈرگە ئايرىش پونكىتىدا بىرىنجى بۇۋاقنىڭ جەسىتىنى بايقىغان، 2007-يىلى يەنە بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بۇيىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئىككىنجى بۇۋاقنىڭ جەسىتىنى بايقىغان. ساقچى تەرەپ شۇ يەردىكى نەچچە يۈز ئايالنىڭ DNA سىنى تەكشۈرگەندىن كىيىن ئاخىرى 25-چىسلا بالىنىڭ ئانىسى ۋە قاتىلنى تاپقان. بۇ ئايال تۇتۇلغاندىن كىيىن ئۈزىنىڭ يەنە 5 بالىنى ئۆلتۈرىۋەتكەنلىكىنى، جەسەتنىڭ ئۈيىدىكى يەرئاستى ئۆيىگە يۇشۇرۇپ قۇيۇلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان.
بۇ ئايال بەش تۈرلۈك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭ ئىرى ئۈزىنىڭ بۇ بالىلارنىڭ تۇغۇلغانلىقى ۋە ئۆلگەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ قانداق قىلىپ ئىرىدىن بۇ ئىشلارنى يۇشۇرۇپ قالالىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.