ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> 25-سىتەبىر خەۋىرى، برازىلىيەنىڭ پەقەت قاتناش قىستاڭچىلىقىدا قاتار تىزىلغان ماشىنىلارنىڭ ئۇزۇنلىقىلا دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسىدىن ئۇزۇن ئىكەن. كۈندە سان پاۋلو شەھىرىدە قاتناش قىستاڭچىلىقىدا قاتار تىزىلغان ماشىنىلارنىڭ ئۇزۇنلىقى 180 كىلومېترغا يېتىدىكەن.
سان پاۋلولۇق ئىككى بالىسى بار ئايال فىبەننا كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ شەھەرنىڭ شىمالىدىن جەنۇبىغا كېلىپ خىزمەت قىلىدىكەن.ئۇنىڭ دىيىشىچە سان پاۋلونىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى ئادەمنى دوزاختا ياشاۋاتقاندەك قىلىپ قويىدۇ، بۇ شەھەر كۈندە خۇددى ماشىنىلار دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ.
خەۋەردە ئييتىلىشىچە، قاتناش ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى تۈپەيلىدىن،سان پاۋلو شەھىرىدە 24 سائەت توختىماي خىزمەت قىلىدىغان رادىئو ئىستانسىسى بارلىققا كەلگەن، بۇ ئىستانسا شوپۇرلارغا ھەر قايسى يوللارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن خەۋەر بېرىپ،قايسى يوللاردا ماشىنا بىر قەدەر ئاز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن. قاتناش قىستاڭچىلىقى چىڭىغا چىققاندا سان پاۋلو شەھىرىدە توسۇلۇپ كەتكەن ماشىنىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھەتتا 290 كېلومېتىرغا يەتكەن.
سان پاۋلو شەھىرىدە توسۇلۇپ كەتكەن ماشىنىلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھ...
ھىندىستاندا قىز ئوقۇغۇچىلار ئايال ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشت...
سۈرىيەدىكى بىر مەكتەپتە پارتىلاش يۈز بىرىپ نەچچە ئون ئادەم ...
جۇڭگودىكى كېنتاكى تاماقخانىلىرىنىڭ سانى 4000 دىن ئېشىپ كەتتى
‹جەننەت رىۋايىتى›مودا ئىچ كىيىم كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈز...
داڭلىق ناخشىچى مەدوننا ئوبامانى ‹قارا تەنلىك مۇسۇلمان› دەپ ...
ئېران ئۇزى ياساپ چىققان ئادەمسىز ئايرۇپىلان ئېسرائىلىيەنى ...