جۇڭگودىكى كېنتاكى تاماقخانىلىرىنىڭ سانى 4000 دىن ئېشىپ كەتتى

0 2012-09-27 10:52:37   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 

   25 -سىنتەبىر داليەندىكى كېنتاكى تاماقخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن جۇڭگودىكى كېنتاكى تاماقخانىلىرىنىڭ سانى 4000 گە يەتتى ، بۇ كېنتاكىنىڭ جۇڭگو يېمەك-ئىچمەك زەنجىرسىمان كەسپىگە نۇرغۇن يىل تەر تۆككەنلىكىنىڭ شانلىق ئابىدىسى ھېساپلىنىدۇ.

   1987-يىلى 11-ئاينىڭ 3-كۈنى ، كېنتاكى تاماقخانىسىنىڭ جۇڭگودىكى تۇنجى تارماق دۇكىنى بېيجىڭدا ئېچىلغان . 25 يىلدىن بېرى كېنتاكى ئۆزىنىڭ ئەسلى تەملىك توخۇ كاۋىپى ، ياڭيۇ بوتقىسى ، كولا قاتارلىق 8 خىل مەھسۇلاتىغا تايىنىپ پۈتۈن جۇڭگوغا تارالغان ئىدى . ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈنلۈكتە ئۇماچ ، پىلتە قۇيماق ،پۇرچاق سۈتى ، گۈرۈچ تامىقى ، قوتۇرماچ قاتارلىق ھەرخىل جۇڭگو ئىستىمالچىلىرىغا تونۇش بولغان يېمەكلىكلەرنىمۇ كېنتاكى تاماقخانىسىدىن تاپقىلى بولىدىغان بولدى .

   بۈگۈنكى <ئەنئەنىۋى غەربچە تاماقخانا> بولغان كېنتاكىنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تېز بولدى . ئىگىلىنىشچە ، كېنتاكى تاماقخانىسى 2000-يىلى خەينەنگە كىرگەن بولۇپ ، ھازىر خەينەندە 29 تارماق دۇكىنى بار ئىكەن ، خەيكۇ ، سەنيا ، چيۇڭخەي ، دەنجۇ قاتارلىق شەھەر ناھىيەلەرگە تارالغان . كېنتاكىنىڭ 12 يىلدىن بېرى سىرتقا ئاشكارىلىغان فوندى 2 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ ، خەينەندىكى 125 ئالىي مەكتەپتىكى قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىغا ياردەم بېرىپ ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىشىغا تۈرتكە بولغان .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博