جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 24- سېنتەبردىكى تېلېگراممىسى: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۈگۈن (24- سېنتەبر) چۈشتىن بۇرۇن، سىچۈەن ئۆلكىسى چېڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمەسى چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ لىجۈننىڭ يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزۇش، ئاسىيلىق قىلىش، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش، پارا ئېلىش دېلوسىغا 1- سوت ئاچقان.
چېڭدۇ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمەسى ۋاڭ لىجۈننىڭ يۈز ئاياپ قانۇننى بۇزۇش جىنايىتىگە يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتىگە ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى جازاسى بەرگەن، سىياسىي ھوقۇقىدىن بىر يىل مەھرۇم قىلغان، ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىش جىنايىتىگە ئىككى يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى، پارا ئېلىش جىنايىتىگە توققۇز يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەرگەن. بۇ بىر قانچە جىنايەتنى بىرلەشتۈرۈلۈپ 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى ئىجرا قىلىش، سىياسىي ھوقۇقىدىن بىر يىل مەھرۇم قىلىش قارار قىلىنغان.
جاۋابكار ۋاڭ لىجۈن سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭلىجۇنگە 15يىللىق ...
قىسمەن خېرىدارلار iPhone 5 نىڭ Wi-Fi ئۇلىنىشى بىنورمال ئەھۋاللارن...
ئامېرىكىلىق بىر ئەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا «ئالما» قىزىتق...
ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم كۆرگەزم...
Burberry ئەنگىلىيىلىك ناخشىچىAdeleبىلەن ھەمكارلاشماقچى ۋە مەخسۇس...