جۇڭشىن تورى 24-سىنتەبىر تېلىگراممىسى . ئامېرىكىلىق بىر ئەر يېڭىدىن سېتىۋالغان iPhone 5 يانفونىنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قىزىتقان ، ھەمدە پۈتكۈل جەرياننى سىنغا ئېلىۋىلىپ ، كۆرۈنمە چاستوتىدىن بىرلىكتە ھۇزۇرلىنىش تورى YouTube قا يوللىغان بولۇپ ، 3 كۈن ئىچىدە 67 مىڭ قېتىم چېكىپ كۆرۈلگەن . بۇ "تەلەيسىز" iPhone 5 يانفونى دەز ئېلىپ كەتكەن ، ئارقىدىن ئوت ئېلىپ كۆيگەن ، بىراق ئەجەپلىنەرلىكى پارتىلاپ كۈكۈم بولۇپ كەتمىگەن . بۇ ئەر يەنە تېخى بۇ يانفوننىڭ قالدۇق قىسمىنى توردا كىم ئاشتى قىلىپ ساتماقچى بولغان بولۇپ ، دەسلەپكى باھاسىنى 3001 ئامېرىكا دوللىرى قىلىپ بېكىتكەن .
توردا ئېقىپ يۈرگەن كۆرۈنمە چاستوتىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدىكەنكى ، بۇ ئەر بىر پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئاق رەڭلىك iPhone 5 چىقىرىپ ئۇنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سالغان . ئوچاق قوزغىتىلغاندىن كېيىن ، يانفوندىن قاتتىق يېرىلىش ئاۋازى ئاڭلانغان ، 40 سىكۇنت ئۆتكەندىن كېيىن ئوت ئېلىپ كۆيۈپ بىر ئوت شارىغا ئايلانغان . 3 مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن بۇ ئەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئېچىپ ئوتنى ئۆچۈرىۋالغان ، يانفون ئاللىقاچان كۆيۈپ قارا كۈيەگە ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ ، لېكىن سىرتقى كۆرۈنىشى يەنىلا ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان .
ئامېرىكىلىق بىر ئەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا «ئالما» قىزىتق...
ۋۇخەندە ئۆتكۈزۈلگەن ئەقلى ئىقتىدارلىق ماشىنا ئادەم كۆرگەزم...
Burberry ئەنگىلىيىلىك ناخشىچىAdeleبىلەن ھەمكارلاشماقچى ۋە مەخسۇس...
كوريەلىك بىر جىنايەتچى 15سانتىمىتىرلىق تۇشۇكتىن قىچىپ كەتكە...
ئامېرىكا ئالما مەھسۇلاتلىرى سىتىش دۇككىنىنىڭ خىزمەتچىسى يى...