يېڭى كۆچمەنلەر ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىل

0 2012-09-25 10:48:50   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  ئەگەر سىز مەلۇم بىر كارخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا "خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىمىز" دېگەن لوزۇنكىنى كۆرسىڭىز ، شەك-شۈبھىسىزكى بۇ كارخانا دەل يېڭى كۆچمەنلەر قۇرۇپ چىققان كارخانا بولىدۇ . 2011-يىلى پۈتۈن ئامېرىكىدىكى يېڭى قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ 4 1 ى يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ قولىدا. كىشى بېشىغا ھېساپلىغاندا ، يېڭى كۆچمەنلەر قۇرغان كارخانىلار يەرلىك ئامېرىكىلىقلار قۇرغان كارخانىلارنىڭ 2 ھەسسىگە توغرا كېلىدۇ .

  ئىشسىزلىق نىسبىتى كۈنسىرى ئېغىرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى مەزگىلدە ، يېڭى كۆچمەنلەر قۇرغان كارخانىلار ئامېرىكا خەلقىنى 4 مىليون ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى . پۈتۈن ئامېرىكىدىكى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلار ئىچىدە % 10 ى يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ ئىگىلىكىدە .

  ئامېرىكا ئىقتىسادى ئىنتايىن ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقان ۋاقىتتا ، يېڭى كۆچمەنلەر دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ قىيىنچىلىقنى يېڭىشىغا ياردەم قىلدى . يېڭى كۆچمەنلەر دۆلەت ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى ، يېڭى بارلىققا كەلگەن دۆلەت پۇقراسى خۇددى سىز ۋە بىزگە ئوخشاش ئەركىنلىك ۋە تېخىمۇ ياخشى بولغان تۇرمۇشقا ئىنتىلىدۇ ، مانا بۇ بىز دائىم دەيدىغان "ئامېرىكا چۈشى" .

  يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ ئىقتىسادىي گۈللىنىشكە قوشقان تۆھپىسى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك ئېتىبارغا ئېلىنىپ باقمىغان ، ئۇلار مۇھىم ۋاقىتتا مۇھىم رول ئوينىدى . تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بىر دەۋردە تۇغۇلغان ئادەملەردىن كۈندە 10 مىڭى 65 ياشلىق مەزگىلىگە قەدەم قويىدۇ ، شۇنداقلا بۇ خىل سانلىق قىممەت ئۇدا 18 يىل داۋاملىشىدۇ . تۇغۇلۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغان بىر دەۋردە تۇغۇلغان ئادەملەرنىڭ پىنسىيەگە چىقىشىغا ئەگىشىپ ، كۆچمەن كارخانىچىلارنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا بولغان رولى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ ، ئەمەلىيەتتە بۇ كارخانىچىلار ئاللىقاچان بۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىدى .

   1996-يىلىدىن 2011-يىلىغىچە ، يېڭى كۆچمەنلەرنىڭ ئىگىلىك يارىتىش نىسبىتى % 50 يۇقىرى كۆتۈرۈلدى ، ھالبۇكى يەرلىك ئامېرىكىلىق كىشىلەرنىڭ بولسا % 10 تۆۋەنلەپ كەتتى . 2010-يىلى يېڭى كۆچمەنلەر شىركەتلىرى 775 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق دۆلەتلىك باج ۋە 109 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق شەخسىي باج تاپشۇردى ، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسىي باج 2000-يىلىدىن بۇيان % 60 ئاشتى .

   ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ، يېڭى كۆچمەنلەر ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد ، جەمئىيەت ۋە مەدەنىيىتىگە نۇرغۇن تۆھپە قوشتى ، بۇ كىشىلەر ئامېرىكىدا كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، نۇرغۇن ئىش ئورنى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى ، بىز ئۇلار ئۈچۈن سودا ئىشلىرى ۋىزىسى بېجىرىش رەسمىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرىشىمىز ، بيۇكراتلارنىڭ توسقۇنلىقىنى ئازايتىشىمىز ھەمدە ھەرقايسى شىتاتلاردا ئۇلارغا ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بەرپا قىلىشىمىز لازىم . بىز پارلامېنتتىن يېڭى كۆچمەنلەرنى ئىلھاملاندۇرۇشنى ، شۇ ئارقىلىق ئۇلار بەرپا قىلغان ئىقتىسادىي مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھىرلىنىشنى تەلەپ قىلىمىز .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博