جۇڭشىڭ Anthem 4G يانفۇنى نەچچە ھەپتىدىن كىيىن ئامېرىكا بازىرىدا سېتىلىدىكەن

0 2012-09-25 10:51:48   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

    ئامېرىكا ئالاقە شىركىتى MetroPCS پەيشەنبە كۈنى بۇ شىركەتنىڭ كەلگۈسى نەچچە ھەپتە ئىچىدە جۇڭشىڭ Anthem 4G يانفۇنىنى سېتىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. جۇڭشىڭ Anthem 4G يانفۇنى جۇڭشىڭ ئالاقە شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا ساتقان تۇنجى پاسوندىكى 4G LTE ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفۇنى بۇلۇپ قالىدىكەن، بۇ خىل يانفۇندا گۇگۇل Android 2.3 Gingerbread مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلىتىلگەن بۇلۇپ 4.3 دىيۇملۇق WVGA كۆرسەتكۈچ ئىكران، 1.2GHz قوش يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە 5 مىليۇن پىكسىللىق ئارقا كامىراغا ئىگە ئىكەن.

جۇڭشىڭ Anthem 4G يانفۇنى

   بۇ يانفۇن HDMI ۋە Dolby Surround Audio نى قوللايدىكەن، باشقا ئالاھىدىلىكلىرىدىن يەنە 4GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ، 512MB RAM ۋە microSD كىڭەيتكۈچ ئۇقۇر قاتارلىقلار بار ئىكەن. بارلىق Android سىستىمىلىق يانفۇنلارغا ئوخشاش بۇ يانفۇن يەنە كۆك چىش، WiFi ۋە GPS قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوللايدىكەن.

  MetroPC تېخى بۇ يانفۇننىڭ كونكىرىت سېتىلىش ۋاقتىنى ئاشكارلىمىدى، لىكىن ئۇنىڭ باھاسىنىڭ 219 ئامېرىكا دوللىرى بولىدىغانلىقىنى(پوچتا ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن) بىلدۈرگەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博