ئامېرىكا بانكىسى 16 مىڭ خادىمنى قىسقارتىدىكەن

0 2012-09-25 10:21:48   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   مەركىزىي ئاگېنتلىقنىڭ <ۋال سترېت كۈندىلىك گېزىتى> نىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە ، ئامېرىكا بانكىسى ھازىر تېزلىكتە تەننەرخنى ئازايتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىۋىتىپتۇ ، ھەمدە يىل ئاخىرىغىچە 16 مىڭ خىزمەتچى خادىمنى قىسقارتىشنى پىلانلاپتۇ.

   يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش ئاپپاراتى تاپشۇرىۋالغان ھۆججەتلەر ئىچىدە كېيىنكى يېرىم يىللىق خادىم قىسقارتىش پىلان لايىھەسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن ، بۇ قايتا رەتلەش تەدبىرى ئامېرىكا بانكىسىنى تېخىمۇ ئىخچاملاشتۇرىدىكەن ، تەرەققىياتمۇ بىر قەدەر مۇقىم بولىدىكەن . بۇ پىلاننىڭ مەقسىدى بولسا ھازىر بار بولغان خېرىدارلاردىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ تۇرۇپ Merrill Lynch شىركىتى ئاستىدىكى بانكا تىجارىتىدىن پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق سودا-سېتىق سودىگەرىگە ئايلىنىش ئىكەن .

  ئامېرىكا بانكىسىنىڭ لايىھەسىگە ئاساسلانغاندا، يىل ئاخىرىغىچە خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانى 260 مىڭغا چۈشۈرىلىدىكەن ، بۇ 2008-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيە ئىكەن ، ھەتتا مورگان خەۋەرلىشىش گۇرۇھى ، Citigroup Inc گۇرۇھى ۋە WELLS FARGO بانكىسىنىڭ خادىملىرىدىنمۇ ئاز ئىكەن . خەۋەر يەتكۈزگەن كىشىنىڭ دېيىشىچە ، ئەڭ ئاخىرقى خىزمەتچى خادىملارنىڭ سانى تىجارەت مىقدارىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىكەن ، شۇڭا داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرۇش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博