ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ پاكىستانغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 3 ئادەم قازا قىلدى

0 2012-09-24 11:03:20   gb.cri.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  شىنخۇا تورىنىڭ بۈگۈن ئىسلامئابادتىن ئەۋەتكەن تېلگىراممىسى: پاكىستان ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلانى بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىمالى ۋازىرستان قەبىلە رايۇنىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلاننى قوزغىتىپ ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان، ھۇجۇمدا ئاز دىگەندە 3 ئادەم ئۈلۈپ 2 ئادەم يارلانغان.

   خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى شىمالىي ۋازىرىستاننىڭ دىداخىل رايۇنىدىن قۇراللىق كۈچلەر ئولتۇرغان بىر ماشىنىغا قارىتىپ 2 دانە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ 3 ئادەمنىڭ ئۈلۈپ، 2 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بۇ يىل پاكىستاندا قوزغىغان 29-قېتىملىق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ھاۋا ھۇجۇمى ئىكەن.

   پاكىستان تەرەپ ئامېرىكنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ئارقىلىق قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ پاكىستان زىمىنىنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ۋە خەلىقئارا قانۇنغا خىلاپلىق  قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز نارازىلىق بىلدۈرۈپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ لىكىن ئامېرىكا پاكىستان چىگراسى ئىچىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ھاۋا ھۇجۇمىنى توختاتمىغان. ئامېرىكا تەرەپ ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ھاۋا ھۇجۇمى پاكىستان ۋە ئافغانىستان چىگراسى رايۇنىغا يۇشۇرنىۋالغان قۇراللىق ئۇنسۇرلارغا زەربە بىرشتىكى بىرخىل ئۈنۈملۈك ۋاستە دەپ قارايدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博