جۇڭگو ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشى بېريۇسىلدا ئۆتكۈزۈلدى

0 2012-09-24 10:25:12   www.basbas.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   جۇڭگو ياۋروپا رەھبەرلىرىنىڭ 15-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ۋە 8-نۆۋەتلىك جۇڭگو ياۋروپا سودا-سانائەت باشلىقلار ئۇچرىشىشى 20-سىنتەبىر بىلگىيەنىڭ پايتەختى بېريۇسىلدا ئۆتكۈزۈلدى. ئۇچرىشىشقا قاتناشقان ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى ۋان روڭپىي ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى بارروسو ياۋروپا بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتكەن 10 يىللىق تەرەققىياتىدىن مەمنۇن بولدى ھەمدە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئىنتايىن مۇھىم دەپ ھېسابلىدى.

   ۋان رۇڭپىي مۇنداق دېدى ، 2003-يىلى ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتىگىيلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ سودا سوممىسى ئىككى ھەسسە ئېشىپلا قالماستىن، ئىككى تەرەپ يەنە ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەمكارلىق ساھەسىنى ئاچتى. ياۋروپا بىلەن جۇڭگو ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىش ئىككى تەرەپنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى چىڭىتىشتا مۇھىم ئاساس سالدى.

   ۋان رۇڭپىي، ھازىر ئىككى تەرەپ ئىقتىسادتا بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان شېرىكلەرگە ئايلاندى دېدى . جۇڭگو ياۋروپانىڭ بىرىنچى چوڭ ئىمپورت مەنبەسى شۇنداقلا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ تەرەققىياتى ئەڭ تېز بولغان سودا شېرىكى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博