قىسمەن خېرىدارلار iPhone 5 نىڭ Wi-Fi ئۇلىنىشى بىنورمال ئەھۋاللارنىڭ كۈرۈلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلغان

0 2012-09-25 10:59:56   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   نۆۋەتتە ئاز بولمىغان خېرىدارلار كۈتكىنىگە ئۇزۇن بولغان iPhone 5 نى سېتىۋالدى. لىكىن ھەرقايسى مۇنبەرلەردە بىر قىسىم خېرىدارلارنىڭ iPhone 5 نىڭ WiFi ئۇلىنىشىدا بىنورمال ئەھۋاللارنىڭ كۈرۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى پەيدا بولدى، بۇ خىل ئەھۋالنىڭ پەيدا بۇلىشىدىكى سەۋەب تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. ئابونت ئىسمى C4RLOCO بولغان خېرىدار iPhone 5 نى ئىشلىتىپ تورغا ئۇلىغاندا ۋە ماتىريال چۈشۈرگەندە سۈرئىتىنىڭ ئىنتايىن ئاستا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شەخسى WPA2 روتېر مەخپى نۇمۇرىنى ئالماشتۇرۇپ، يانفۇننى قايتا قوزغاتقاندىن كىيىن يانفۇننىڭ ئاندىن تور بەتلەرنى نورمال كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

   ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسم خېرىدارلار بۇ قېتمقى مەسىلىنىڭ iOS 6 نىڭ Wi-Fi مەسىلىسىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ :" مېنىڭچە بۇ iOS 6 نىڭ مەسىلىسى ئەمەس، پەقەت iPhone 5 نى WiFi غا ئۇلىغاندا مەسىلە كۈرۈلىدۇ. مېنىڭ iPhone 4S يانفۇنۇمنىمۇ ئوخشاشلا iOS 6 مەشغۇلات سىستىمىسىغا يۇقىرى كۈتۈرگەن، لىكىن iPhone 5 بىلەن ئوخشاش مەسىلە كۈرۈلۈپ باقمىغان." دېدى.   

  نۆۋەتتە ئالما شىركىتى بۇ ئىشقا قارىتا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان، لىكىن ئالما شىركىتىنىڭ ئۇزۇنغا قالماي مۇۋاپىق ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرغا قۇيىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博