داڭلىق ناخشىچى مەدوننا ئوبامانى ‹قارا تەنلىك مۇسۇلمان› دەپ چوقۇنغۇچىلىرىنى ئۇنىڭغا بىلەت تاشلاشقا مۇراجىئەت قىلدى

0 2012-09-27 10:24:42   يەرشارى تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
داڭلىق ناخشىچى Madonna
    يېقىندا توردا مۇنداق بىر ۋىدېئو چاستوتا تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان، ئامېرىكا تولغانما ئۇسسۇل مۇزىكا ساھەسىدىكى <ئايال پادىشاھ> مەدوننا 9-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ناخشا كېچىلىكىدە،ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىنى ئوباماغا بىلەت تاشلاشقا مۇراجىئەت قىلىپ، ئۇنىڭ پات يېقىندا ئېچىلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمىدا يەنە بىر قېتىم سايلىنىشى ئۈچۈن ياردەم قىلغان. ئۇ يەنە ئوبامانى ئاق سارايدىكى <قارا تەنىلك مۇسۇلمان> دەپ ئاتىغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 26-سېنتەبىر خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەدوننا ناخشا كېچىلىكىدە، ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىنى ئوباماغا بىلەت تاشلاشقا مۇراجىئەت قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئاق سارايدا بىر نەپەر قارا تەنلىك مۇسۇلمان بار.

   خەۋەردە دېيىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىدىكى 3/1 قىسىم سايلىغۇچىلار ئوبامانى يەنىلا مۇسۇلمان دەپ قارايدىكەن، بىراق ئوباما نۇنىڭدىن بۇرۇن نەچچە قېتىم ئۆزىنىڭ ئىخلاسمەن خىرىستىيان ناسارا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

    11  -ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلاش مۇراسىمى ئېچىلىش ئالدىدا، ئوباما ھازىر جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى زۇڭتۇڭ نامزاتى لومنىي بىلەن كەسكىن رىقابەتتە بولىۋاتىدۇ. ئامرېكىدىكى مەلۇم بىر ژۇرنالدا دېيىلىشىچە، مەدوننانىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ ئوباماغا قىلچە پايدىسى يوق ئىكەن، بەلكىم ئۇ مۇسۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوبامانى مۇسۇلمان دەپ قاراپ كەلگەنلەرنى زاڭلىق قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن .

   مەدوننانىڭ ۋاسىتىچى بۇ ئىشقا قارىتا شۇئان ئىنكاس قايتۇرالمىدى.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博