كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كورىيە مەملىكەتلىك ۋاستىچىلەر بىرلەشمىسى 26-سىنتەبىر سىئولدىكى دوڭ لېتيەن مېھمانخانىسىدا ساياھەتچىلىك كەسپى ئالاھىدە كومىتېت يىغىنى ئاچتى ، كومىتېت باشلىقى پۇ سەنچيۇ كورىيە بىلەن جۇڭگو ۋە كورىيە بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدا سۇ ئاستى قانىلى قۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ۋە ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنى كورىيەگە جەلپ قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى .
ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : جۇڭگو ۋە ياپونىيەدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ نىسبىتى كورىيەدىكى پۈتكۈل چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ % 50 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ۋە ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن سۇ ئاستى قانىلى قۇرۇش پىلانىنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىشىمىز كېرەك .
ئۇنىڭ دېيىشىچە ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىساد ھالسىزلىنىۋاتقان پەيتتە ئىچكى ئېھتىياجنى جانلاندۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى چارە ئىكەن . نۆۋەتتە ، كۆزىتىش فۇنىكۇليورى ۋە <جۇڭگولۇقلار كوچىسى>نى جانلاندۇرۇش قاتارلىق كېڭەيتمە ئاساسىي ئەسلىھە ئۈسكۈنىلىرى مەسىلىسى جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك مەسىلىلەر ئىكەن .
شۇ كۈنى ، مەدەنىيەت تەنتەربىيە سارىيى كۆزىتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى سۈي گۇاڭجىمۇ تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتناشتى . "دۆلەت ساياھەتچىلىكى جىددىي تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشقا موھتاج" دېگەن ئىدىيە ئاساسىي تېما قىلىنغان نۇتۇقىدا ئۇ مۇنداق دېدى : تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ، كورىيەنىڭ دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىك نىسبىتى بەكلا تۆۋەن .
ئۇ دۆلەت ئىچى كارخانىلىرىنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدىن ئەركىن پايدىلىنىش كارخانا مەدەنىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى تەلەپ قىلدى ، ھەمدە كارخانىلارنى داۋاملىق ئىككى كۈندۈز بىر كېچىلىك قىسقا ساياھەت تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى .
‹جەننەت رىۋايىتى›مودا ئىچ كىيىم كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈز...
داڭلىق ناخشىچى مەدوننا ئوبامانى ‹قارا تەنلىك مۇسۇلمان› دەپ ...
ئېران ئۇزى ياساپ چىققان ئادەمسىز ئايرۇپىلان ئېسرائىلىيەنى ...
ئوباما كالباسا بولكىسى سېتىۋالدىغان ۋاقىتتا ‹بايلىقىنى كۆز...
چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭلىجۇنگە 15يىللىق ...
قىسمەن خېرىدارلار iPhone 5 نىڭ Wi-Fi ئۇلىنىشى بىنورمال ئەھۋاللارن...
ئامېرىكىلىق بىر ئەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا «ئالما» قىزىتق...