‹قاتىللىق قۇرالى›AK47 مىلتىقى سەنئەت بۇيۇمىغا ئايلىنىپ دۇنيا تىنىچلىقىنى مۇراجەت قىلغان

0 2012-09-29 11:09:59   جۇڭشىن تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  

    شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەنگىلىيە لوندوننىڭ زامانىۋىي سەنئەت ئىنىستىتوتىدا بىر قېتىملىق ئالاھىدە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلگەن.سەنئەتكارلار دۇنيا تىنىچلىقىنى مۇراجەت قىلىش ئۈچۈن AK47 مىلتىقىنى ھەرخىل سەنئەت بويۇملىرىغا ئايلاندۇرۇپ يەر شارىدىكى ئۇرۇش توختىتىش ھەرىكىتىگە مەبلەغ يىغقان.

     AK47مىلتىقى قاتىللىق چىقىپ تۇرىدىغان قۇرال،لېكىن سەنئەتكارلارنىڭ ئەپچىل قولى ئاستىدا گۈزەل سەنئەت بۇيۇملىرىغا ئايلانغان،بەزى سەنئەتكارلار مىلتىقنى ھەرخىل رەڭدىكى سۇلياۋ ياقۇتلار بىلەن بېزىگەن،بەزى سەنئەتكارلار ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا دوللىرىنى چاپلىغان،يەنە بەزىلىرى بولسا مىلتىق بىلەن <چەكلەش>بەلگىسىنى ماسلاشتۇرۇپ ئۇرۇش توختىتىش ئىدىيىسىنى بىۋاستە ئىپادىلىگەن.

    ئىگىلىنىشچە كۆرگەزمە بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ بۇيۇملار كىمئاشتى قىلىپ سېتىلىدىكەن.بۇنىڭدىن كېرگەن پۇلنى يەر شارى ئۇرۇش توختىتىش ھەرىكىتى ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博