ئامېرىكا بېرمىغا قارىتىلغان سودا جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن

0 2012-09-28 10:52:44   intl.ce.cn   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 26-سىنتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى .كىلىنتون شۇ كۈنى بېرما زۇڭتۇڭى Thein Sein بىلەن كۆرۈشكەن چاغدا ، ئامېرىكىنڭ بېرما ماللىرىنى ئىمپورت قىلىشقا بولغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . دوكلاتتا دېيىلىشىچە ، بۇ ئامېرىكىنىڭ بېرمىغا بولغان ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سودا جازاسىنى بىكار قىلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدىكەن .

   ھىلارىنىڭ دېيىشىچە ، بېرمىنىڭ تېز سۈرئەتتىكى ئىسلاھات قەدىمىنى ئېتىراپ قىلىش يۈزىسىدىن ، ئامېرىكا بېرما ماللىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا بولغان چەكلىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىكەن . ئۇ مۇنداق دېگەن: بىز بۇ ھەركەتنىڭ بېرما خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ بولغان ماللىرىنى ئامېرىكىغا كىرگۈزۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

    Thein Sein ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەركىتىدىن بېرمىنىڭ ئىنتايىن مەمنۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىدى . ئىگىلىنىشچە ، Thein Sein بولسا 46 يىلدىن بېرى تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان بېرما زۇڭتۇڭى ئىكەن . ئۇ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بېرمىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىلىق نۇتۇق سۆزلىگەن .

   ئامېرىكا بۇ يىل 6-ئايدا، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ بېرمىغا مەبلەغ سېلىشىغا بولغان چەكلەنمىنى بىكار قىلغان ئىدى . بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولىۋاتقان بېرما خەلق ئىتتىپاقى رەئىسى Aung San Suu Kyi ئامېرىكىنىڭ بېرمىغا قارىتىلغان جازا تەدبىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرىشىنى مۇراجىئەت قىلغان ئىدى . ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپلىرىنىڭ دېيىشىچە Aung San Suu Kyi بىلەن زۇڭتۇڭ Thein Sein نىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى مېۋە بەرگەن .

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博