ئامېرىكا ئاقسارىيى 19-سىنتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ ، ساياھەتچىلىك ئاللىقاچان ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاساسلىق ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئايلانغانلىقىنى ، ئامېرىكا 10 يىل ئىچىدە 1 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچىلىك كەسپى خىزمەت ئورنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
ئامېرىكا ئاقسارىيى شۇ كۈنى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىر دەل ئامېرىكىغا ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ۋىزا بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇۋىتىپتۇ ، شۇنداقلا جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردە ۋىزا بېجىرىش ئورنىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك ساياھەتچىنى ئامېرىكىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىۋىتىپتۇ .
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما دوكلاتتا مۇنداق دېدى: ھەريىلى نۇرغۇنلىغان چەتئەللىكلەر ئامېرىكىغا كېلىپ ساياھەت قىلىدۇ ، بۇ مەيلى ئامېرىكا كارخانا ساھەسىگە نىسبەتەن بولسۇن ، ياكى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن بولسۇن ، ئوخشاشلا بىر ياخشى خەۋەر .
ئاقساراينىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا ، 2011-يىلى ساياھەت كەسپى ئامېرىكىغا 1 تېرىليون 400 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئىقتىسادىي پايدا ئېلىپ كەلگەن ، ھەمدە 7 مىليون 500 مىڭ خىزمەت ئورنى بىلەن تەمىنلىگەن .
بۇنىڭدىن باشقا ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى ، پەقەت بۇ يىل 7-ئايدىلا ، چەتئەل ساياھەتچىلىرىنىڭ ئامېرىكىدا سەرپ قىلغان ئىستىمال خىراجىتى 13 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ ، ئېشىش نىسبىتى % 3 بولغان ، چەتئەل ساياھەتچىلىرى ئامېرىكىدا ساياھەت قىلىۋاتقان ۋاقىتتىكى ئوتتۇرىچە خىراجىتى 4000 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ ، ساياھەتچىلىك ۋە باشقا كۆپلىگەن مۇناسىۋەتلىك ساھەلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىنلەيدىكەن .
‹جەننەت رىۋايىتى›مودا ئىچ كىيىم كۆرگەزمىسى بېيجىڭدا ئۆتكۈز...
داڭلىق ناخشىچى مەدوننا ئوبامانى ‹قارا تەنلىك مۇسۇلمان› دەپ ...
ئېران ئۇزى ياساپ چىققان ئادەمسىز ئايرۇپىلان ئېسرائىلىيەنى ...
ئوباما كالباسا بولكىسى سېتىۋالدىغان ۋاقىتتا ‹بايلىقىنى كۆز...
چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭلىجۇنگە 15يىللىق ...
قىسمەن خېرىدارلار iPhone 5 نىڭ Wi-Fi ئۇلىنىشى بىنورمال ئەھۋاللارن...
ئامېرىكىلىق بىر ئەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا «ئالما» قىزىتق...